باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە خەلقتىن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ ئالايلى(4)

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە دۆلەت ئىشىنى كېڭەشكەنلىكى توغرىسىدا

2017.03.15 14:22         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك تاللاش

  2017-يىلى ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى يېڭى مۇھىم باسقۇچقا قەدەم قويدى −

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقىچە بولغان سەككىز يىللىق مۇساپىنىڭ يېرىمى بېسىلىپ بولدى؛

  20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ بېشىدا ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش» ئىستراتېگىيەسى بىلەن 21-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانىنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىنىڭمۇ يېرىمى بېسىلىپ بولدى.

  ئەمدى تېخىمۇ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىنى ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشتا، جۇڭگو تەرەققىيات يولىدا يېڭى تەرەققىيات ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

  «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك».

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدىن 5-يىغىنىغىچە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىدىن 5-يىغىنىغىچە، ھەر يىلى شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، بۇنداق پائالىيەتتە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش جەزمەن سۆزلىنىدىغان تېما بولۇپ كەلدى.

  بۇ يىل باش شۇجى شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە توختىلىپ: جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن ئىشىكى تاقالمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى ھەم شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىشتىكى سىناق رايونىنىڭ رولىنى كېڭەيتىشنى تېخىمۇ نامايان قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىشىكنى دۇنياغا ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشتىكى روشەن پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ، شاڭخەيدىن كۈتكەن زور ئۈمىد، شۇنداقلا مەۋقەنى پۈتۈن مەملىكەتكە قويۇپ، دۇنيانى كۆزلەپ بېكىتكەن ئىستراتېگىيەلىك تاللاشتۇر.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014-يىلى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ «قەپەزنى بوشىتىپ قۇشنى ئالماشتۇرۇش، قۇشنى سۇمۇرغقا ئايلاندۇرۇش» دېگەن سۆزىنى قوللاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: قەپەزنى بوشىتىش دېگەنلىك قۇرۇق قويۇش دېگەنلىك ئەمەس، يەنە «يېڭى قۇش»نى قەپەزگە سولىغاندا، «ئىلگىرىكى قۇش» قەيەرگە بېرىشى كېرەك؟ دېگەننى ئويلىشىش كېرەك. كەسىپلەرنى ياخشىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، قۇشنى سۇمۇرغقا ئايلاندۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  گۇاڭدۇڭ، شاڭخەيدەك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باشلامچىلىرىغا قارىغاندا، شەرقىي شىمال رايونلىرى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرى قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە تېخىمۇ كەسكىن «ئازاب»قا دۇچ كەلدى.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدىن 5-يىغىنىغىچە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىدىن 5-يىغىنىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا تۆت قېتىم قاتناشتى. شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن مەسىلە.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى، جىلىن ۋەكىللەر ئۆمىكى، خېيلۇڭجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: شەرقىي شىمال قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئەمدى «سانائەتنى تىرەك قىلغان، قۇرۇلمىسى نوقۇل بولغان، ئىككى كىشىلىك لەپەر» ئوينىماسلىق، بۇنى تۆت ئەمەل ئارقىلىق ياخشى ھېسابلاپ كۆرۈش كېرەك.

  بۇ يىل 3-ئاينىڭ 7-كۈنى باش شۇجى لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە ئەنشەن پولات-تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى، ۋەكىل تاڭ فۇپىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، بۇ مەسىلىدىكى چوڭقۇر مەزمۇننى ئېنىق شەرھلەپ بەردى.

  باش شۇجى مۇنداق سورىدى: ئەنشەن پولات-تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىشمۇ، ساقلاپ قېلىشمۇ ياكى ئاشۇرۇشمۇ؟

  تاڭ فۇپىڭ جاۋابەن مۇنداق دېدى: ئەنشەن پولات-تۆمۈر گۇرۇھىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش ۋەزىپىسى بار. دەسلەپتە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى راستىنلا تۈگىتەلەرمىزمۇ دەپ ئەنسىرىگەنىدۇق، بىراق بىر يىل تىرىشىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىشنىڭ پايدىسىنى ھېس قىلدۇق. كېيىنكى قەدەمدە، ياخشى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ساقلاپ، قالاقلىرىنى قەتئىي تۈگىتىمىز.

  باش شۇجى چوڭقۇر مەنىلىك ۋە سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: قۇرۇلمىنى جەزمەن تەڭشەش كېرەك. قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە ئۆزئارا ياردەمدە بولىمىز، دەپ «مۇردا كارخانىلار»نى جان تالاشتۇرماسلىق كېرەك. قەپەزنى جەزمەن بوشىتىپ قۇشنى ئالماشتۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا قۇشنى سۇمۇرغقا ئايلاندۇرۇپ، قايتىدىن جانلاندۇرۇش، مەسىلىنى بالدۇر ھەل قىلىش كېرەك.

  باش شۇجى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە قەدەم بېسىشىدىكى، يېڭى نورمال ھالەتتە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇقەررەر تاللاش، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن زىددىيەت ۋە قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك ياخشى تەدبىر، شۇنداقلا لياۋنىڭنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەررەر يولى.

  بۇ يىل تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغان يىل. ئەمەلىيەتتە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى، خۇنەن ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتارلىق ئۆمەكلەرنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، شەكىلنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قاتار مۇھىم ھۆكۈمنى چىقاردى. بۇلتۇر ۋە بۇ يىل يەنە مەخسۇس يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  يېشىل تەرەققىياتقا ئىنتىلىش تەرەققىيات ئېنېرگىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئوخشاشلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  سۇلىرى سۈپسۈزۈك، يېرى ياپيېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق.

  جياڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى جانلىق تەسۋىرلەپ مۇنداق دېدى: مۇھىت − خەلق تۇرمۇشى دېمەكتۇر، يېرى ياپيېشىل بولۇش − گۈزەللىك دېمەكتۇر، ئاسماننىڭ كۆپكۆك بولۇشىمۇ بەخت.

  چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى مۇنداق دېدى: مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز كېرەك.

  خېيلۇڭجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە، باش شۇجى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىپ، مۇھىتنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، سىجىل تەرەققىيات ئۈچۈن بوشلۇق قالدۇرۇپ، ئەۋلادلىرىمىزغا ئاسمىنى كۆپكۆك، يېرى ياپيېشىل، سۇلىرى سۈپسۈزۈك گۈزەل ماكان قالدۇرۇشىمىز كېرەك

  ....

  يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا ئىسلاھ قىلىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى تېپىش، ئىسلاھات داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغاش كېرەك.

  ئىختىساسلىقلار يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئارىسىدا ئىختىساسلىقلار ناھايىتى كۆپ بولۇشتەك ئەۋزەللىك ۋە ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. 2013-يىلى پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقاندا: پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «يېڭىلىق يارىتىدىكەنمەن»نى «يېڭىلىق يارىتىمەن»گە ئۆزگەرتىش كېرەك، دەپ كۆرسەتكەنىدى. پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، كارامىتىنى كۆرسىتىشى ئۈچۈن ئازادە شارائىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017-يىلى دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى، دېھقان-ئىشچىلار پارتىيەسى، «3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى» ئەزالىرىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، زىيالىيلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغاپ، ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ، ئۇلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى مەخسۇس تەكىتلىگەنىدى. ئۇ يەنە ياۋ ئەيشىن قاتارلىق توققۇز ئەزانىڭ سۆزلىرىگە بىر-بىرلەپ جاۋاب بېرىپ، زىيالىيلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئالغانلىقىنى، رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلققە بەخت يارىتىش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى تاشقى مۇھىتنىڭ تىنچ بولۇشىغا موھتاج. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئىنتايىن مۇھىم.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تارىخ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە يۈكلىدى، بىز بۇ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك، بۇ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدى، شۇنداقلا زامانىمىز ئىنقىلابىي ھەربىيلىرىنىڭ سىياسىي خىسلىتى» دېگەن تاپشۇرۇقى پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر-جەڭچىلەرنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى.

  − ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جەزمەن ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛

  − ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈش دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئومۇملۇقىنى چىقىش قىلىپ چىقىرىلغان زور تەدبىر؛

  − ئارمىيە ئاساسىي مەقسەت ئېڭى ۋە ئاممىۋى كۆز قارىشىنى كۈچەيتىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ ۋە ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشى، نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك؛

  − ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىش، ئارمىيەنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيە قۇرۇلۇشى ۋە ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا «ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ 2-قەدەم نىشانىنى ۋاقتىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛

  − تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەمىز قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك پەن-تېخنىكا تىرىكىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا بەش قېتىم قاتنىشىپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى خەلق ئارمىيەسى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى بۇ نىشانىنى چۆرىدەپ، بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈپ پىرىنسىپنى بېكىتىپ بەردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدىن 5-يىغىنىغىچە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىدىن 5-يىغىنىغىچە، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىدىن، سىياسىي كېڭەشنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنلىرىغىچە، ۋەكىللەر ۋە ئەزالار بىلەن شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئاكتىپ مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش... قاتارلىق مەسىلىلەردە ئومۇمىيلىقنى نەزەرگە ئېلىپ، ئومۇمىي يۈزلىنىشنى كۆزىتىپ، چوڭ-چوڭ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئۇلۇغ پىلانلارنى تۈزدى. ۋەكىل ۋە ئەزالار بىلەن ئىسلاھات، تەرەققىيات پىلانلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، خەلق ئارىسىدىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ توپلاپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىدا رەڭگارەڭ دەۋر سەھىپىسىنى پۈتتى.

  2017-يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» يېپىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. ۋەكىللەر، ئەزالار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئۈمىدىنى ئېلىپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن كەڭ زېمىندا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى، دۆلەتنىڭ ئىرادىسىنى خەلققە يەتكۈزۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىدۇ.

  «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۆلىتىمىز تېخىمۇ ئۇلۇغۋار مۇساپىگە قاراپ قەدەم تاشلىماقتا.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14-مارت تېلېگراممىسى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر