باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقتى

ئەركىن ئىمىرباقى، نەيىم ياسىن، ئەسقەت كەرىمباي قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

2017.03.15 10:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋەكىللەر گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى بىلەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ئەسقەت كەرىمباي قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ھەيئىتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئەزاسى دۇ ۋەنخۇا ۋە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

  ۋەكىللەر ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا باغلاپ، قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى سۆزلەپ، چارە-تەدبىر ئىزدەپ، تەكلىپ بەردى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: ئىككى ئالىي مەھكىمىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا مۇھىم نۇقتا ۋە يارقىن نۇقتىلار كۆپ ئىكەن، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم يارىتىلىپتۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن-ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، «خەلق ئاممىسىغا ھەر بىر ئەدلىيە دېلوسىدا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى تىرىشىپ ھېس قىلدۇرۇش» نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، «خەلق ئەدلىيەسى خەلق ئۈچۈن» دېگەن يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سوت قىلغۇچىلار ھۆكۈم چىقىرىپ، ھۆكۈم چىقارغۇچىلار مەسئۇل بولۇپ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسى كۆرەلەيدىغان شەكىللەر ئارقىلىق ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇندا بېرىلگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ.

  ۋەكىللەر مۇنداق دېدى: زىممىسىگە ئادىللىق تارازىسىنى، قولىغا ھەققانىيلىق شەمشىرىنى ئالغان ئەدلىيە ئورگانلىرى ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنىڭ قوغدىغۇچىسى سۈپىتىدە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىماقتا. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى مۇستەھكەم تىكلەپ، قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئادىل، ئۆلچەملىك، مەدەنىي بولۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇر شەكلىنى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، خەلق ئاممىسىغا ھەر بىر دېلودا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى قانۇننى چىن دىلىدىن ئېتىراپ قىلىدىغان، ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۇنىڭغا رىئايە قىلىدىغان ۋە بويسۇنىدىغان قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇش كېرەك.

  خۇاڭ ۋېي، سارقىت ئاقان، ليۇ شىنچى، مەمتىمىن ياسىن، دۇڭ شىنگۇاڭ، خۇاڭ رۇڭ، جەرۇللا ھېسامىدىن قاتارلىق ۋەكىللەر قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر