باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى بىرلىكتە يارىتايلى

2017.03.13 15:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى بىرلىكتە يارىتايلى ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى خەۋپسىزلىك توسىقى، ئىستىراتېگىيەلىك ئورنى ئالاھىدە، دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرمۇ ئالاھىدە، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ئىشى.

  تۈنۈگۈن باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە قاراپ چىقىشقا قاتناشقاندا مۇھىم سۆز قىلدى، باش شۇجى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى ئومۇملىقىنى نەزەردە ئېلىپ: شىنجاڭنى ئوڭشاش سىستېمىسى ۋە ئوڭشاش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى، ئىقتىسادى تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئىتتىپاقلىشىپ، چېگرانى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇزاق مۇددەت مۇقىم شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىشنىڭ يۆنىلىش، يولىنى كۆرسىتىپ بەردى. ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يۈكسىلىشنىڭ تۈپ ئۇلتېشى، شۇنداقلا 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ساقچى بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللەتلىرى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كومپارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغىچە سىڭدۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر