باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر تۇغما يۈرەك كېسىلى بىلەن بېيجىڭدا داۋالىنىۋاتقان شىنجاڭلىق بالىلارنى يوقلىدى

2017.03.10 14:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭدا مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»غا قاتنىشىۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگونىڭ ھاۋالىسى بىلەن، 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئالايىتەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، تۇغما يۈرەك كېسىلى بىلەن بۇ يەردە داۋالىنىۋاتقان شىنجاڭلىق سەككىز بالىنى يوقلىدى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن جۇڭخۇا خەير - ساخاۋەت باش جەمئىيىتىگە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇر - سېسترالارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى.

  شۆھرەت زاكىر جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش دوختۇرخانىسى يۈرەك قان تومۇرلىرى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ كېسەلخانىسىدا يېتىۋاتقان بالىلارنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈلۈش ۋە ئوپېراتسىيە قىلىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. «بالىلارنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟ قاچان ئوپېراتسىيە قىلغان؟ ئەسلىگە كېلىشى قانداقراق؟». شۆھرەت زاكىرنىڭ بۇ غەمخورلۇق چىقىپ تۇرغان سۆزلىرىدىن بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى تولىمۇ ئىللىقلىق ھېس قىلدى. ئاتا - ئانىلار شۆھرەت زاكىرغا مۇنداق دېدى: بۇ دوختۇرخانا بالىلىرىمىزنى ھەقسىز تەكشۈردى ۋە ھەقسىز داۋالىدى، ھۆكۈمەت يەنە قاتناش، تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەردى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.

  ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇغما يۈرەك كېسىلى بىلەن جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ باش دوختۇرخانىسىدا سەككىز بالا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، ھەممىسى خوتەن ناھىيەسىدىن كەلگەنىدى. شۆھرەت زاكىر بالىلارغا يۇڭ - تىۋىتلىق ئويۇنچۇق سوۋغا قىلدى، ئېلىپ كەلگەن مېۋىلىرىنى بەردى، بالىلارنى ئەركىلىتىپ باغرىغا بېسىپ، مېھرىبانلىق بىلەن ئۇلارنىڭ ئوماق يۈزلىرىنى سىلاپ قويدى. ئۇ يەنە بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىسىغا تەسەللى بېرىپ، ئۇلارنى بالىلارنى ياخشى داۋالىتىشقا ئىلھاملاندۇردى ھەم بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشى، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، ياخشى ئوقۇپ، مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، مېھرىبان ئادەم بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنى ھەقسىز داۋالاش - قۇتقۇزۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان مۇھىم قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ خىزمەتكە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. جۇڭخۇا خەير - ساخاۋەت باش جەمئىيىتى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە قىزغىن ياردىمى، دوختۇر - سېسترالارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ كۈتۈشى، قېتىرقىنىپ داۋالاپ قۇتقۇزۇشى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ئۈنۈملۈك داۋالىنىپ قۇتقۇزۇلغاچقا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ۋە ھەر مىللەت ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى، سوتسىيالىستىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى، بۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىتتىپاقلاشقانلىقىنىڭ جانلىق نامايەندىسى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى داۋالاش - قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەر بىر ئاغرىق بالىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ھېس قىلدۇرۇپ، بالىلارنى ساغلام تەنگە، پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە قىلىدۇ.

  شۆھرەت زاكىر بالىلارنى يوقلاپ بولغاندىن كېيىن، تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر بالىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، دوختۇر - سېسترالار ۋە ئاتا - ئانىلار بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر