- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت زېمىن بايلىقى تارماقلىرى قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قېزىلما بايلىق ئېچىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ
2017.02.17 16:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 15-فېۋرال ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، 2017- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى سېستىمىسى كان تەكشۈرۈش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقىنى يىللىق تەكشۈرۈش، يەر-كان بايلىقىغا ئائىت سۈنئىي ھەمراھدىن تارتىلغان يەر سۈرىتى بويىچە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، چارلاش تۈرلىرىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، ھەر خىل قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىدىكەن. بولۇپمۇ قانۇنسىز ئوغرىلىقچە كان قېزىش، كىنىشكىسىز قېزىش، قاتلىمى ۋە دائىرىسىدىن ھالقىپ قېزىش قاتارلىق قانۇن – بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى ئالاھىدە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن ھەم بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى دۆلەت زېمىن بايلىقى قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش لىنىيەسىگە كىرگۈزۈدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا
ئالاقىدار خەۋەرلەر