باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىك سەپ سېستىمىسى «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈردى

ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىك سەپ سېستىمىسى «سەككىز لېكسىيە» پائالىيىتى 6-لېكسىيەسىنىڭ «ئىنتىزام» تېمىسىدىكى لېكسىيەسىنى باشلىدى

2017.02.17 16:30   مەنبە: خەلق تورى

ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىك سەپ سېستىمىسى «سەككىز لېكسىيە» پائالىيىتى 6-لېكسىيەسىنىڭ «ئىنتىزام» تېمىسىدىكى لېكسىيەسىنى باشلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيە پائالىيىتىدىكى «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 16 -فېۋرال شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىرلىك سەپ سىستېمىسى «سەككىز لېكسىيە» پائالىيىتى 6-لېكسىيەسىنىڭ «ئىنتىزام» مەخسۇس تېمىدىكى لېكسىيەنى باشلىدى.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق لېكسىيەگە ش ئۇ ئا ر ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى پۇ شۆمېي تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، پۇ شۆمېي «ئىككى يۈزلىمىچى ئادەم»نى قانداق پەرق ئېتىش ۋە تىرىشىپ يۇۋاش ئادەم بولۇشنى تېما قىلغان ئاساستا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سىياسىي ئاڭ، ئىنتىزام ئېڭى، قائىدە ئېڭىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان سىياسىي مۇھىت يارىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى سىستېمىلىق تەھلىل قىلدى ۋە شەرھلىدى. كۆپ مىقداردىكى قاراتمىلىقى بولغان ئىجابىي ۋە سەلبىي مىساللار ئارقىلىق، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا بىرلىكسەپ سىستېمىسىدىكى كادىرلارغا تەربىيەۋى ئەھمىيىتى يۇقىرى بولغان بىر مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى .

  بۇ مەخسۇس تېمىدىكى كونسۇلتاتسىيە لېكسىيەسىگە ش ئۇ ئا ر پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمى، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى ئورگىنى، شىنجاڭ سوتسىيالىزم ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى مەكتىپى، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى ش ئۇ ئا ر ساۋاقداشلار ئۇيۇشمىسى، شىنجاڭ جۇڭخۇا كەسپىي تەربىيەلەش ئىدارىسىدىكى بارلىق كادىرلار، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى، ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئورگان-ئىدارىلەرنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلىرى قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

 سۈرەتلەر

 تەۋسىيە

·30 مىليوندىن ئارتۇق ئىستۇدېنتنى باشقۇرۇشقا يېڭى قائىدە چىقىرىلدى (سىياسەتتىن يەشمە)
·مائارىپ مىنىستىرلىقى: باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىلىم-پەن دەرسلىرى باشقىدىن تەڭشىلىپ، 1- يىللىقتىن باشلاپ…
·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئولتۇراقلىشىش كېنىشكىسىنى ئۆلچەم قىلغان ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە كەلگەن پەرزەنت…
·ئۈرۈمچىدىكى 470 مىڭ ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 13-چېسلا ئوقۇش باشلاندى
·شىنجاڭ 2017- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەت…
·ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يېڭىدىن 668 يەسلى سېلىنىدۇ
·تۈركمەنىستاننىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمى باشلاندى
·ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋاتلىق بولۇش ئاساسىي ماھارىتىگە يېڭى تەلەپ قويۇلىدۇ
·2017-يىلى ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلىدۇ
·2017- يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ يۈزتۇرانە ئىمتىھانى بۇ ئايدا ئېلىنىدۇ