خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-فېۋرال كەچ، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مۇخبىرلارغا تۇنجى نۆۋەتلىك «ئون مۇنەۋۋەر ئىشچى-خىزمەتچى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يۇلتۇزى» ۋە «ئۈچتە ياخشى ئىشچى-خىزمەتچى»نى باھالاش نەتىجىسىنى ئۇقتۇردى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى»، «مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى»، «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئارا ئىلغار شەخس»، «مەملىكەتلىك مەدەنىي ئائىلە» قاتارلىق نام-شەرەپ ئىگىلىرى «ئون مۇنەۋۋەر ئىشچى-خىزمەتچى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يۇلتۇزى» ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە «ئۈچتە ياخشى خىزمەتچى» نام-شەرىپىگە ئېرىشكەن بىر قىسىم ۋەكىللەرنى تەقدىرلەشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى.
«ئون مۇنەۋۋەر ئىشچى-خىزمەتچى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يۇلتۇزى» ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە:
خا يۈگاڭ (جىمىسار بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى)، ئاۋرون بايىر (بورتالا شەھىرى ئۇتبۇلاق بازارلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە مۇلازىمەت مەركىزى)، جېڭ يوڭمىڭ (قەشقەر شەھىرى شىنلوڭ قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى)، گو جىيۆ (كۇچا ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسى)، خالىدە زەپەر (شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى)، ئەخمەت نىياز مەمەت (شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى تۈۋەت يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپى)، مېھرىنسا توختى (غۇلجا شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى)، ۋاڭ شېڭيۈن (جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى تۇنخې پاي چەكلىك شىركىتى قاراشەھەر ناھىيەلىك شېكەرچىلىك شۆبە شىركىتى)، جۇ ۋەنپېڭ (ئاقچى ناھىيەلىك ئات فېرمىسى باشقۇرۇش كومىتېتى)، چېن چىلياڭ (شىنجاڭ نېفىتچىلىك شىركىتى نېفىت ئېلىش 2 –زاۋۇتى).
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى