- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىندىن بۇرۇن مەركەزلەشتۈرۈپ كۆزدىن كەچۈرۈشنى قانات يايدۇردى
2017.02.17 13:52 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- فېۋرالدىن 15- فېۋرالغىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم ۋەكىللىرىنى تەشكىللەپ، يىغىندىن بۇرۇنقى مەركەزلەشتۈرۈپ كۆزدىن كەچۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.
ۋەكىللەر ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونى چىداۋان تارماق رايونىدىكى باشقۇرۇش كومىتېتى، كىچىك قوڭغۇراق يەسلىسى، ليۇداۋان مەسچىت، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، سانجى ئالاھىدە تىرانسفورماتور پاي چەكلىك شىركىتى، سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچە رايونى قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- يىغىنىغا قاتنىشىش، ھەمدە تۈرلۈك تەكلىپ ۋە دوكلاتلارغا قاراپ چىقىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر