باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 203 لاياقەتسىز كان تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2017.02.17 13:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن-بايلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە: بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا قانات يايدۇرغان قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىپ پايدىلىنىش يىللىق تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىدە 4104 كان تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 203 لاياقەتسىز كان تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، نۆۋەتتە 50ى ئۆزگەرتىلگەن. بۇ يىل قانۇنسىز بۇلاپ قېزىش، كىنىشكىسىز قېزىش، قاتلامدىن، پاسىلدىن ئاشۇرۇپ قېزىش دېگەندەك بەلگىلىمىگە ۋە قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ. چوڭ ۋە تىپىك دېلولارغا نىسبەتەن، ۋىۋىسكا ئېسىپ نازارەت قىلىش ۋە ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ قاتلامدىن، پاسىلدىن ئاشۇرۇپ قېزىلما بايلىقلارنى قېزىشتەك قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت ئەنگە ئالدۇرغان ۋاقىتلىق ئىشلەپچىقىرىش كۆمۈر كان ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈلمىگەن كۆمۈر كانلار، قانۇنغا خىلاپ قېزىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر