باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۆتكەن يىلى شىنجاڭدا يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزى بىر تەرەپ قىلالايدىغان كىرىمى تۇنجى قېتىم 10مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتتى

2017.02.15 15:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۆتكەن يىللىق خەلق ئىگىلىكى ئەھۋالى 13-فېۋرال ئېلان قىلىندى، ئۆتكەن يىلى شىنجاڭدا شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزى بىر تەرەپ قىلالايدىغان كىرىمى 18354.7 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.4ئەمەلىي ئاشتى، شەھەر بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆزى بىر تەرەپ قىلالايدىغان كىرىمى 28مىڭ 463.4يۈەن ئېشىپ، %6.8 ئەمەلىي ئاشتى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆزى بىر تەرەپ قىلالايدىغان كىرىمى 10183.2يۈەنگە يېتىپ، تۇنجى قېتىم 10مىڭ يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئېشىپ، %6.7ئەمەلىي ئاشتى.

  شىنجاڭدا شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئىزچىل ئېشىشىغا قارىتا دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باش ئەترەت باشلىقى يۇ شياۋمىڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بىرىنچى نۇقتا نۇرغۇن سىياسەت ئامىلى شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسى كۈچ بولدى، ئىككىنچى نۇقتا ئومۇمىي نەپلىك سىياسەت يۆتكىلىشچان كىرىمنىڭ بىرقەدەر تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، ئۆتكەن يىلى شىنجاڭدا شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ يۆتكىلىشچان ساپ كىرىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5070.3 يۈەنگە يېتىپ، %16ئاشتى، ئېشىش نىسبىتى تۆت چوڭ تۈردە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى، ئۈچىنچى نۇقتا شىنجاڭدا ئىقتىسادنىڭ تىپى ئۆزگەرتىلىپ، دەرىجىسى ئاشۇرۇلدى، تىجارەت ساپ كىرىمى تەكشى مۇقىم ئاشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر