باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلدى

2017.02.15 15:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پانۇس بايرىمى ئۆتۈپ كېتىشىگىلا، ھەممە يەرگە داڭقى چىققان يېزىلاردىن سىرتقا ئەمگەكچى چىقىرىش ۋاسىتىچىسى تۇرسۇنگۈل ھېيت ئالاقە ئىسىملىكىنى ئاختۇرۇپ، ئەتراپتىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىگە بىرمۇ-بىر تېلېفون بېرىپ ئەمگەكچىلەرگە ئېھتىياجىنىڭ بار-يوقلىقىنى سورىدى. ئۇ تېلېفوندا بىردەم خەنزۇچە، بىردەم ئۇيغۇرچە سۆزلىشىپ، ناھايىتى تېزلا كەنتتىكى 13 دېھقاننىڭ بايرامدىن كېيىن ئىشلەشكە بارىدىغان يېرىنى ئوقۇشۇپ بەردى.

  تۇرسۇنگۈل ھېيت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېقىندا چىقارغان بىر تۈرلۈك ئەلنەپ سىياسىتىنىڭ پايدىسىدىن بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى. چاغان ئۆتۈپ كېتىشىگىلا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى، ھەر قانداق ئورگان ۋە ئورۇننىڭ ھەر قانداق شەكىلدە دېھقان-چارۋىچىلاردىن ھەقسىز ئىشلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا مەسئۇلىيەت ئارتىش، سېلىق سېلىش، خالىغانچە جەرىمانە قويۇشىنىڭ قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تۇرسۇنگۈل ھېيت مۇنداق دېدى: دېھقانلار ئەمدى سىرتلارغا چىقىپ ئىشلىگەندە، كەنتنىڭ مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ئۈچۈن رۇخسەت سوراپ ئۆيىگە قايتىپ يۈرمەيدىغان شۇنداقلا ئورنىغا پۇل خەجلەپ ئادەم ياللاپ ئەمگەككە سالمايدىغان بولدى، مانا ئەمدى مەن بىلەن ئىشلەمچىلىك ھەققىدە ئالاقىلىشىدىغانلار بىراقلا كۆپەيدى. بىر نەچچە يىل بۇرۇن خوجايىنلار ماڭا ئادەم تېپىپ بېرىشنى ھاۋالە قىلاتتى، بۇ يىل بولسا مەن خوجايىنلاردىن كۆپرەك ئادەم قوبۇل قىلىشنى ئۆتۈنىدىغان بولۇپ قالدىم.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق ئەمگەك زىچ توپلاشقان كەسىپلەرنى كۈچلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئېشىندى ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى تېرىشىپ كېڭەيتىپ، يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىپ، يېزا ئەمگەكچىلىرىنى ئازاد قىلىشقا پۇختا ئاساس سېلىپ بەردى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسى قۇمقۇسار كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جۇ دايوڭ بازارلىشىش يولىغا ماڭغاندىن كېيىن، دېھقانلار پۇل تاپالايدىغان بولدى، ئاكتىپلىقى تەبىئىيلا ئۆستى، يېزا قۇرۇلۇشى خىزمىتىمۇ بارغانسېرى جانلىنىشقا باشلىدى دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر