باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دېھقانلارغا قۇرۇق گەپ ئەمەس، ئەمەلىي نەپ كېرەك

قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە تارقاتقان ئىككى مۇھىم «قارار» ئاۋامنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

2017.02.15 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) بۇ يىلقى باھار ئاۋامغا ئاسايىشلىق، خاتىرجەملىك، بەخت-ئامەت تۇيغۇسى ئاتا قىلدى. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەر مىللەت ئامما يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز، ئەڭ گۈزەل مىنۇتلارنى كۈتۈۋالدى.

  2-ئاينىڭ 13-كۈنى، مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇمقىسار يېزىسى تۆمۈرەك كەنت قورۇسى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا كەلگەن 1000غا يېقىن دېھقان ـ چارۋىچى بىلەن لىق تولغان بولۇپ، مۇراسىم ئاخىرىدا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئابدۇغېنى جۈمە ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە تارقاتقان ئىككى مۇھىم قارارنى يەنە بىر قېتىم ئۇقتۇرغاندا، مەيداندىكىلەر ئۇزاققىچە ئالقىش ساداسى ياڭرىتىپ، ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، غايەت زور مەدىتىگە ئاپىرىن ئوقۇشتى.

  ــ كۆپچىلىك، ئىككى مۇھىم «قارار»نىڭ مەزمۇنىنى يىغىنچاقلىغاندا، ــ دېدى ئابدۇغېنى جۈمە ئۈنلۈك ئاۋازدا، ــ يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ۋە جۇغلانما ئەمگەك ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ھەر قانداق تەشكىلاتنىڭ ھەر قانداق شەكىلدە ھەقسىز ئەمگەك ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئەمگەك كۈچىنى ھەقسىز ئىشلىتىشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جايلار، تارماقلارنىڭ مەمۇرىي مەجبۇرلاش ۋاسىتىسى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا مۇلازىمەت قىلىشى قەتئىي مەنئى قىلىنپ، دېھقانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقى قوغدىلىدۇ. يەنى، مەمۇرىي ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش سېلىنمىسىنى مەجبۇرىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇرۇقلۇق، سۇلياۋ يوپۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرى ۋە دېھقانچىلىق ماشىنا - سايمانلىرى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى بىر تۇتاش سېتىۋېلىش، بىر تۇتاش سېتىش؛ زىرائەتلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مەجبۇرىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، زىرائەت سورتلىرىنى بېكىتىش؛ زىرائەتلەرنى تېرىشنى مەجبۇرىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەركەزلىك يەر ئاغدۇرۇش، يەر تۈزلەش، سۇلياۋ يوپۇق يېپىش ۋە تېرىشقا مەجبۇرلاش؛ سۇغىرىش ھەققى يىغىشنى مەجبۇرىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، زىرائەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر ئۆلچەم بويىچە سۇغىرىپ، سۇ ھەققىنى مو بېشىغا تەڭ چېچىش قاتارلىق ناتوغرا قىلمىشلار قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

  ــ پارتىيە، ھۆكۈمەت ھەقىقەتەن قالتىس ئىش قىلدى.

  ــ شۇنى دەيمەن، مەجبۇرىيەت ئەمگىكى، جۇغلانما ئەمگەكنى بىكار قىلدى دېگەنلىك يەلكىمىزدىكى چوڭ بىر تاغ غۇلاپ چۈشتى، دېگەن گەپ .

  ــ بەك خۇش بولدۇم جۇما، يەرگە نېمە تېرىغىمىز بولسا ئۆز ئىختىيارلىقىمزدا بولىدىكەن. دېھقانچىلىقتىكى ئاتالمىش «بەشتە بىر تۇتاش»لار ئەمدى تۈگەپتۇ...

  ــ بۇ ھاياجانلىق مىنۇتلارنى ھەرگىز ئۇنتۇيالمايمىز!

  مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرى تۈرلۈك تەشۋىقات ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ، دېھقانلارغا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى تېزدىن يەتكۈزۈپ، ئۇلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. سېرىقبۇيا بازىرىنىڭ ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇھىم «قارار»ىنى مەخسۇس تەشۋىق قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى مەسئۇلى، بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى مۇتەللىپ مۇھەممەت مۇنداق دېدى: يېقىندا ۋىلايەت دېھقانلارغا ئەڭ بېۋاسىتە نەپ يەتكۈزىدىغان تارىخي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىككى مۇھىم «قارار»نى چىقاردى. بۇ «قارار» مەنبەدىن دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى ئۈنۈملىك ھەل قىلىدىغان؛ يېزا، كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاش، دېھقانلارغا غەمخورلۇق قىلىش، كۆيۈنۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان؛ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرىدىغان ھالقىلق سىياسەتنىڭ بىرى. بىز بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، كەڭ دېھقانلار ئاممىسى ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەرگە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە يولداش چېن چۈەنگو باشلىقلىقىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قەشقەردىكى ھەر مىللەت خەلقىگە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىمىز.

  يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ سىيەك يېزىسى قۇمۇشئېرىق كەنت پارتىيە ياچېيكىسى «پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنى سۆيۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش» باش تېما قىلىنغان لېكسىيە پائالىيىتىدە، ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە تارقاتقان ئىككى مۇھىم «قارار»نى تولۇق تېكىسىتى بىلەن كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىغا يەتكۈزدى. «قارار» تېزدىن پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.

  دېھقان ئەمەت قايىم مۇنداق دېدى: بىر يىلدا يېزا ۋە كەنتنىڭ تەخمىنەن 80 كۈندىن ئارتۇق مەجبۇرىيەت ئەمگىكى، جۇغلانما ئەمگىكىگە قاتنىشىمىز. ئالدىنقى يىلى مەلۇم بىر زۆرۈرىيەت بولغاچقا، مەن ئائىلىمىزنىڭ 20 مو تېرىلغۇ يېرى ئۈچۈن مەجبۇرىيەت ئەمگىكىمنى باشقىلارغا 9000 يۈەنگە كۆتۈرە بەرگەن. مانا ئەمدى بۇ يىلدىن باشلاپ بۇ خىل چىقىمدىن خالاس بوپتىمەن. بەك ياخشى ئىش بوپتۇ. بۇ ياخشى سىياسەتلەر كىرىم يولىمىزنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق.

  قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسى قاقۇلا كەنتىدىكى دېھقان تۇرسۇن قاھار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتنى ناھايىتى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى مەجبۇرىيەت ئەمگىكىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان بولساقمۇ قايتىپ كېلەتتۇق. ھازىر ھەر قانداق شەكىلدىكى ھەقسىز ئەمگەك بىكار قىلىنىپتۇ. ئەمدى خوتۇنۇم ئۆيدە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسا، مەن خاتىرجەم سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ، ئائىلىمىزنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىدىغان بولدۇم. دېھقانلارغا قۇرۇق گەپ ئەمەس، مانا مۇشۇنداق ئەمەلىي نەپ كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر