باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 25 چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرى سۇچىلىق ئىسلاھاتىنىڭ «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلدى

2017.02.13 14:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا گوۋۇيۈەننىڭ ماقۇللىشى بىلەن دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى «سۇچىلىق ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنىڭ< 13 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» (تۆۋەندە «يىرىك پىلان» دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى)نى بىرلىكتە بېسىپ تارقاتقان. دۆلەتنىڭ «يىرىك پىلان» تۈزۈش جەريانىدا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سۇچىلىق نازارىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلەرنى تۇتاشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «يىرىك پىلان»غا كىرگۈزۈلگەن چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرىنى 18دىن 25كە كۆپەيتكەن.

  «يىرىك پىلان»دا «13 - بەش يىل»لىق سۇچىلىق ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىنىڭ تۆۋەندىكى سەككىز جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سۇ تېجەشچان ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش؛ سۇچىلىق تەرەققىياتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش؛ سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە تورىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ شەھەرلەرنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، زەينى چىقىرىۋېتىش ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ يېزىلارنىڭ سۇچىلىق ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش؛ سۇ ئېكولوگىيەسىنى تىزگىنلەش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىش؛ دەريا ۋادىسى رايونىنىڭ سۇچىلىق تەرەققىياتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى سەرخىللاشتۇرۇش؛ سۇنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ۋە سۇچىلىق ئىشلىرىنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم «يىرىك پىلان»غا كىرگۈزۈلگەن سۇچىلىق تۈرلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ سۇ بايلىقىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، سۇ بايلىقىنىڭ تەقسىملىنىشىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي سۇ ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىنى تېزلىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قاتارلىقلارغا پۇختا ئاساس سالىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «يىرىك پىلان» غا كىرگۈزۈلگەن نۇقتىلىق سۇچىلىق تۈرلىرىنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىپ قۇرۇلۇش قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئالاقىدار ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر) لەردىن دۆلەتنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش پايدىلىق پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ ئالدىنقى قارارلىق خىزمەت قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، سۇچىلىققا مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋە سۇ ئامبارلىرىنى قۇرۇش، باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلۇش مەبلىغىنى پائال غەملەپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «13 - بەش يىل»لىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر