باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، بىر ئۆمۈر ئىتتىپاق ئۆتەيلى

ئاقسۇ شەھىرىدىكى 54 ئۇيغۇر، خەنزۇ سودىگەر «ۋاڭسەن» كوچىسىغا ۋاكالىتەن سۆزلىدى

2017.02.13 14:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قىزىل كۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ مىللىتىدىن بولغان 54 سودىگەر 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خۇشال - خۇرام جەم بولۇپ، پانۇس بايرىمى ھەققىدە سۆزلىشىپ، گۈرۈچ كۇمىلىچى تۈگۈپ، كوچا ئويۇنى كۆرۈپ...پانۇس بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

  −− پانۇس بايرىمى جەم بولۇشتىن دېرەك بېرىدۇ، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ يىل تەڭ كۈچ چىقىرىپ، سودىمىزنىڭ بەرىكەت تېپىشىنى تىلەيمىز، −− قىزىق گۈرۈچ كۇمىلىچى داستىخانغا كەلتۈرۈلدى، كۆپچىلىك بىر - بىرىگە سەمىمىي بەخت تىلەشتى.

  كۆڭۈل ئېچىش يىغىنىغا قاتناشقان سودىگەرلەر ئاقسۇ شەھىرىنىڭ «ۋاڭسەن» كوچىسى بىلەن«شىڭلۇڭ» كوچىسىدىن كەلگەن ئۇيغۇر، خەنزۇ سودىگەرلەر ئىدى، بۇ ئىككى كوچا ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شەرقى ۋە غەربىدە بولۇپ، ئارىلىقى ئۈچ كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆپچىلىك قانداق قىلىپ «بىر ئائىلە كىشىلىرى»دىن بولۇپ قالدى؟

  ئىگىلىنىشىچە، «ۋاڭسەن» كوچىسى بىلەن «شىڭلۇڭ» كوچىسى جەنۇبىي شىنجاڭدا نامى بار داڭلىق كوچىلار ئىكەن. ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە قىزىل كۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى قىزىل كۆۋرۈك مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى يەن مۇنداق دېدى: «ۋاڭسەن» كوچىسىدا ئەڭ قايناق مەزگىلدە سودىگەرلەر 5000 دىن ئاشقان، دۇكانلاردا شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى ئامىللار سەۋەبىدىن «ۋاڭسەن» كوچىسىنىڭ سودىسى سەل كاساتلىشىپ قالدى.

  «ۋاڭسەن» كوچىسىنى قانداق قىلىپ قايتا جانلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ ئاپتونوم رايون قانات يايدۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى لى يەنگە ئىلھام بەردى، ئۇ: ناۋادا ئىككى كوچىدىكى سودىگەرلەر تۇغقان بولۇپ، ھەمكارلىشىپ، ئۆز ئارا ياردەملەشسە چوقۇم يېڭىچە كەيپىيات پەيدا بولىدۇ، دەپ ئويلىدى. ئۇنىڭ بۇ پىكرىگە ئىككى كوچىدىكى سودىگەرلەر ناھايىتى تېز ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. 2016 - يىل 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خىزمەت ئەترىتى ۋە كوچا باشقارمىسىنىڭ ۋاسىتىچىلىكى بىلەن تۇنجى تۈركۈمدە 54 ئۇيغۇر، خەنزۇ سودىگەر تۇغقانلاشتى.

  تۇغقانلىشىش نەق مەيدانىدا «شىڭلۇڭ» كوچىسىدىكى سودىگەر ۋاڭ شياۋلىڭ سىڭلىسى كەرىمەگە كۆرۈشۈش سوۋغىسى سۈپىتىدە قىزىل بولاق بەردى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر سىڭلىم بار بولدى، بۇنىڭدىن تولىمۇ ھاياجانلىنىۋاتىمەن.

  سودىگەر گۈلنۇر ئەخمەت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ بۈگۈنكىدەك بۇنداق يېقىن ئۆتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.

  ئۆتكەن 50 نەچچە كۈندە كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايىلەر ئىككى كوچا ئارىسىدا تارقالدى: ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان لى جۈن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاچىسى ئامانگۈلنىڭ قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى سودىسىنى كېڭەيتىشىگە ياردەملەشتى؛ تۇغقان بولغىنىغا تېخى تۆت كۈن بولغان تيەن يۇڭرۇڭ سىڭلىسى نۇرىيەم ياسىننىڭ ئانىسىنىڭ كېسەلخانىدا يېتىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ دەرھال ئوزۇقلۇق تولۇقلاش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ يوقلاپ باردى؛ چاغاننىڭ ئىككىنچى كۈنى شاڭخەيلىك كېلىنچەك بىلەن كۈيۈئوغۇل چوڭ ئۆيىگە باردى، ئۇلارنىڭ «شىنجاڭلىق دادىسى» ئابلەتجان بىلەن «ۋاڭسەن» كوچىسىدىكى باشقا سودىگەرلەر زىياپەت ئۆتكۈزۈپ ئۇلارنى كۈتۈۋالدى؛ «شىڭلۇڭ» كوچىسىدىكى سودىگەرلەر ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرى ۋە خېرىدارلىرىنى باشلاپ «ۋاڭسەن» كوچىسىنى ئايلاندۇردى...

  54 ئۇيغۇر، خەنزۇ سودىگەرنىڭ «خاتىرە سۈرىتى»گە «قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، بىر ئۆمۈر ئىناق ئۆتىمىز»دېگەن ئاددىي بىر جۈملە سۆز يېزىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، «ۋاڭسەن» كوچىسى ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىردىنبىر كىشى ئىسمى بىلەن ئاتالغان كوچا بولۇپ، بۇ ھەقتە كىشىلەر ئارىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدا مۇنداق بىر تەسىرلىك ھېكايە تارقالغان: چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى بىر ئۇيغۇر بالىنى تيەنجىنلىك بىر سودىگەر بېقىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ۋاڭ سەن دەپ ئىسىم قويغان، دادىسىغا ئەگىشىپ جۇڭگو تېبابىتى ۋە تىجارەت يوللىرىنى ئىگىلىگەن ۋاڭ سەن چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاقسۇغا كېلىپ، بىر بازار قۇرغان، كىشىلەر بۇ بازارنى «ۋاڭسەن» كوچىسى، دەپ ئاتىغان.

  «شىڭلۇڭ» كوچىسىدىكى سودىگەر دۇ يۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ تەسىرلىك ھېكايە نەچچە ئەۋلاد كىشىلىرىنى تەربىيەلىدى، بىز بۇ مۇنبەت تۇپراققا يىلتىز تارتقان ئىكەنمىز، «ۋاڭسەن» كوچىسىغا ۋاكالىتەن سۆزلەپ، بۇ ئېسىل ھېكايىنى داۋاملاشتۇرۇش مەجبۇرىيىتىمىز بار. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر