باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىناقلىق بېغىدا پارلىغان مەشئەل

2017.01.06 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: («ئاقسۇ گېزىتى» ئىدارىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابلىكىم شەمشى، تۇرسۇن ئېلى خەۋىرى) بۇلتۇر 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسى باليەن كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق لى چىڭخۇا 92 يېشىدا ئۆزىنىڭ يېقىن-يورۇقلىرى، دوست-بۇرادەرلىرىنى قالدۇرۇپ، بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى.

  لى چىڭخۇا ئەسلىدە لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ بەيچىڭ ناھىيەسىدىن بولۇپ، 1961-يىلى 36 ياشلىق لى چىڭخۇا خوتۇنى بەي شيەنمى بىلەن بىرلىكتە پارتىيەنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، چېگرانى گۈللەندۈرۈش» چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسى بەشپۇتاق كەنتى (ئەينى ۋاقىتتا ھازىرقى باليەن كەنتى بەشپۇتاق كەنتىنىڭ 5-گۇرۇپپىسى ئىدى، 1995-يىلى باليەن ئايرىم كەنت قىلىپ قۇرۇلدى)گە ماكانلاشتى. ئەينى يىللىرى گەرچە شارائىت جاپالىق بولسىمۇ، ئەمما بەشپۇتاق كەنتىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلار لى چىڭخۇا بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنى بەي شيەنمىنى يىراقتىن كەلگەن تۇغقانلىرىنى كۈتۈۋالغاندەك قىزغىن كەيپىياتتا كۈتۈۋېلىپ ئۆي، قازان-قۇمۇچ ۋە يېمەكلىك بەردى، 20 نەچچە يېشىدا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن لى چىڭخۇا ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى ۋە تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىدا ئۇيغۇر تىلىنى ناھايىتى تېزلا ئۆگىنىۋالدى.

  كۈنلەر، ئايلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن لى چىڭخۇانىڭ ئىلمىيلىكى، سەمىمىيلىكى ۋە چىقىشقاقلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئۇيغۇر دېھقانلار لى چىڭخۇانى كەنتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، كەنت خەلق ئەسكەرلىرى ليەنىنىڭ باشلىقلىقىغا ھەم كەنتنىڭ چارۋا دوختۇرلۇقىغا كۆرسەتتى. لى چىڭخۇامۇ كەنت ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىنى يەردە قويماي، كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسىنىڭ، كەنت مۇدىرىنىڭ ياخشى ياردەمچىسى ۋە مەسلىھەتچىسى بولدى. كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى ئۆزۈمنىڭ ئىشى دەپ بىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشقا ھەر ۋاقىت كۈچ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ چارۋىلىرىنى داۋالاپ بېرىش ۋە خەلق ئەسكەرلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كەنت ئاممىسىنىڭ بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. بەشپۇتاق كەنتى بىلەن باليەن كەنتى ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ لى چىڭخۇا ئۇيغۇر قوشنىلىرى بىلەن دائىم باردى-كەلدى قىلىپ، ئۇلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، قولىدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياردەم قىلدى.

  بەشپۇتاق كەنتى ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، دەريا ۋادىسى ئارقىلىق ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرى ۋە تامتوغراق يېزىسى، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قۇمباش يېزىسىنىڭ بىرقانچە كەنتىلىرى بىلەن قوشنا كېلەتتى. بۇنداق ياخشى پۇرسەتتە لى چىڭخۇا بەشپۇتاق كەنتىدىكى دېھقانلانىڭ چارۋىلىرىنى داۋالاپ بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە باشقا قوشنا يېزا-بازار، كەنتلەردىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ چوڭ-كىچىك چارۋىلىرىنى داۋالاپ بېرىش نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ياخشى تەسىرى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. ئۇ بەزىدە ئەتراپتىكى يېزا-بازارلاردىكى دېھقانلارنىڭ چارۋىسىنى داۋالاش ئۈچۈن نەچچە ھەپتىلەپ ئۆيىگە قايتالمايتتى. بولۇپمۇ ھەر قېتىم قۇمباش يېزىسىنىڭ توپاق ئارال كەنتىگە چارۋا داۋالاش ئۈچۈن كەلگىنىدە، نەچچە كۈنلەپ تۇرۇپ قالاتتى. بۇ كەنت دەريا ساھىلىدىكى يايلىقى كەڭ، چارۋىسى كۆپ، چارۋىچىلىق دېھقانلارنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى بولغان كەنت بولغاچقا، لى چىڭخۇامۇ بۇ كەنتكە تولاراق قاترايتتى. بۇ كەنتتىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ قايتا-قايتا تەلەپ قىلىشى بىلەن لى چىڭخۇا بىرمەزگىل توپاق ئارال كەنتىدە ماكانلىشىپ، كەنتنىڭ چارۋىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشتى. گەرچە توپاق ئارال كەنتىدە خېلى باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، «ئات قېرىسا ئوقۇرىنى تاپار» دېگەندەك، لى چىڭخۇانڭ پەرزەنتلىرى چوڭ بولغانسېرى ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتلىرىنى، بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر دوستلىرىنى ئەسلەپ دادىسىنىڭ بېشىنى تولا ئاغرىتقانلىقتىن، ئۇ يەنە باليەن كەنتىگە (بۇ چاغدا باليەن كەنتى قۇرۇلۇپ بولغان ئىدى) قايتىپ كېلىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى مۇشۇ كەنتتە ئۆتكۈزدى. ئۇ مۇشۇ كەنتتە 90 ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرگەن بىردىنبىر ئۆمۈر چولپىنى بولۇپ، ھاياتلىقىدا ئەمگەكنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ، باشقىلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشتەك ياخشى خىسلىتىنى جارى قىلدۇردى. جاپالىق ئىشلەشنى شەرەپ دەپ بىلىپ، كىشلىك مۇناسىۋەتتە ئىناقلىقنى تەكىتلىدى. بولۇپمۇ مىللەتلەر ئارا ئىناقلىققا، قوشنىلار ئارا ئىجىل-ئىناقلىق بولۇشقا، ئۆملۈككە ھەممىدىن بەك ئەھمىيەت بەردى. ئۇ ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلىشىپ ئولتۇرغان 55 يىللىق ھاياتىدا، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ 10 مىڭىن ئارتۇق چوڭ – كىچىك چارۋىلىرىنى داۋالاپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ چارۋىچىلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر