باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەيدىز ۋە مەسئۇلىيەت

2016.12.14 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12–ئاينىڭ 1–كۈنى 29–قېتىملىق «دۇنيا ئەيدىز كۈنى». بۇ قېتىمقى «دۇنيا ئەيدىز كۈنى»نىڭ باش تېمىسى «قول تۇتۇشۇپ ئەيدىزگە قارشى تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويايلى». مۇخبىرنىڭ 11–ئاينىڭ 29–كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ 2016-يىللىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 1995–يىلى تۇنجى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقىلىپ بۇ يىل 10–ئايغىچە بولغان 21 يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 94 ناھىيە، شەھەر، رايوندىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمار 39 مىڭغا، ئۆلگەنلەر 10 مىڭ 851گە يەتكەن. يۇقۇش يولى نىسبىتىدىن قارىغاندا، ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش، زەھەر چىكىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىش نىسبىتى %24.9، جىنسي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملىنىش نىسبىتى (ھەمجىنىسلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقتۇرۇۋىلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) %67.9 بولغان. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن تۇراقلىشىشقا يۇزلەنگەن بولسىمۇ، رايونلار ئارا پەرق چوڭىيىشقا باشلىغان: كونا يۇقۇم رايونى ئىلى ئوبلاستىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى تۇراقلىشىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولغان ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار تېز تىزسۈرئەتتە ئېشىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتى كەسكىنلەشكەن؛ جىنسي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش ئاساسلىق يۇقۇش يولىغا ئايلانغان؛ ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ يۇقۇملىنىش سانى بىر قەدەر تىز ئېشىۋاتقان بولۇپ، 2016 ـ يىلى بايقالغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %7.8 گە يەتكەن. جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش زەھەر چىكىش ئارقىلىق يۇقۇشنىڭ ئورنىغا دەسسەپ، ئاساسلىق تارقىلىش شەكلىگە ئايلانغان. ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەتەرلىك كىشىلەر توپىدىن نورمال كىشىلەر توپىغا ئۆتكەن. ئەرلەر ئارا جىنسىي مۇناسىۋەتتە يۇقتۇرۇۋالغانلارنىڭ سانى بىر قەدەر تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەن.

  پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا يوق-

  ئەگەر ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولسا...

  ئۇ شۇنداق دېگىنىچە، تامغا تىكىلىپ نەچچە مىنۇت ئۈنسىز تۇردى. كۆز جىيەكلىرىدىن سىرغىغان ياش ئۇنىڭ مەڭزىنى بويلاپ ئاقتى. -

  كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ. ئۈستەلگە قويۇلغان قەغەزدىن بىرنى تارتىپ، ئۇنىڭغا سۇندۇم.

  - 25 ياشقا كىردىم، پورەكلەپ ئېچىلىۋاتقان گۈل ئىدىم، ۋاقىتسىز ئۈششۈك تەگدى. قېيىن ئانام – قېيىن ئاتاملار ماڭا زىيانكەشلىك قىلدى. ئوغلىنىڭ قانداقلىقىنى تويدىن بۇرۇن ئەسكەرتمىگەن تەقدىردىمۇ، تويدىن كېيىن ئېيتقان بولسا، مېنى ئاگاھلاندۇرغان بولسا...

  ئۇنىڭ كۆز يېشى يامغۇردەك تۈكۈلۈپ، كۆزى بىردەمدىلا قىزىرىپ، ئىششىپ كەتتى.

  - كەچۈرۈڭ، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلىپ قويدۇم.

  ياق، زىيارەتنى ئۆزۈم خالاپ قوبۇل قىلدىم. ياشلار مېنىڭ نىكاھىمدىن ئىبرەت ئالسۇن!... ئۇ ئۆزىنى سەل توختىتىۋېلىپ، ھېكايىسىنى باشلىدى.

  - ئاتا – ئانام ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەردىن ئىدى. دادام ئاكام بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوقۇشىغا بەكلا كۆڭۈل بۆلەتتى. ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىنمۇ چوڭلارنىڭ نەسىھەتىنى ئېسىمدىن چىقارماي، مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ، ئۈرۈمچىدە قالدىم. ئۆيدىكىلەر چوڭ شەھەردە قالغىنىمغا خوشال بولسىمۇ، بىراق يالغۇزلۇقۇمدىن ئەنسىرەيتتى. شۇڭلاشقا ئۇلار مېنى توي قىلىشقا زورلىدى. بىر كۈنى ئانام تېلېفۇندا تۇيۇقسىزلا دادامنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقىنى، ئۇنى داۋالاتقىلى ئۈرۈمچىگە يۆتكەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بېشىمدىن سوغۇق سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم. بىر ھەپتىدىن كېيىن، دادامنى مەن ئىشلەۋاتقان دوختۇرخانىغا داۋالاتقىلى ئېلىپ كەلدۇق. بىر كۈنى بىرەيلەن دوختۇرخانىغا دادامنى يوقلاپ كەلدى. ئۇ 20 نەچچە يىل بۇرۇن مەھەللىمىزدىن ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەتكەن قوشنىمىز ئىكەن. ئۇ ئادەم دادامنى پات – پات يوقلاپ تۇردى. بىر كۈنى ئانام بۇ قوشنىمىزنىڭ مەن بىلەن تەڭ ئوغلى بارلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشىمنى ئېيتتى، بىز چوڭلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كۆرۈشتۇق. ئىرىم مەن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا توي تەكلىپى قويدى، مەن دادامنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، تويغا قوشۇلدۇم. بىز كۆرۈشۈپ 20 نەچچە كۈن ئىچىدىلا توي قىلدۇق. دەسلەپكى بىر ئايدا ياخشى ئۆتتۇق. مەنمۇ بىنورماللىقنى بايقىماپتىمەن. كېين قارىسام ئۆيگە قويۇپ قويغان پۇل يوق، بانكا كارتامدىكى پۇللارنىڭ تۈگىگەنلىنى سەزدىم. ئۇنىڭدىن سورىسام قەرزىم بار ئىدى. شۇنى قايتۇردۇم دېدى. مەنمۇ ئەر – خوتۇن بولغاندن كېيىن بۇپتۇ دەپتىمەن. كېيىن ئۆيگە كەلگەن مېھمانلارنىڭ ھەميانىدىكى پۇللارمۇ يوقاپ كېتىدىغان ئىشلار يۈز بەردى. كۆڭلۈمگە گۇمان چۈشتى. بىر كۈنى ئېرىمنىڭ بىلىكىدىكى يېڭنە ئىزىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم. سورىسام دېگىلى ئۇنىمىدى. چوڭلاردىن سورىساممۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ يوشۇردى. بارا – بارا ئىش چوڭىيىپ، ئۇ ئۆي بىساتلىرىنى سېتىشقا، ئاتا – ئانىسىنى قاقشىتىشقا باشلىدى. دەل شۇ ۋاقىتتا دادام قازا قىلدى. ئانامنى ئاياپ، بېشىمغا كەلگەن بۇ كۈننى ئۆيدىكىلەردىن يوشۇردۇم. «كېسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارا» دېگەندەك، توي قىلىپ ئالتە ئايدىن كېيىن، ساقچىلار يولدىشىمنى زەھەر چىكىش جىنايىتى بىلەن ئىككى يىللىق تۈرمىگە ئەكىرىپ كەتتى. ئېرىم تۈرمىگە كىرىپ، بىر ئايدىن كېيىن ئۇنى يوقلىغىلى بارسام، تۈرمە ساقچىسى ئېرىمنىڭ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، مېنىڭمۇ تەكشۈرتۈپ بېقىشىمنى ئەسكەرتتى. شۇ ۋاقىتتىكى ھېسياتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. كەينى – كەينىدىن يۈز بەرگەن ئىشلار ھالىمنى بەكلا خاراپلاشتۇرۇۋەتكەن ئىدى. ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قىلىشىمدىن ئەنسىرەپ، تەكشۈرتۈشكە جۈرئەت قىلالماي، ئۈچ ئاينى ئۆتكۈزۈۋەتتىم. لېكىن ئۆزۈم داۋالاش خادىمى تۇرۇپ بۇنداق قىلسام بولمايدۇ، دەپ، مۆجىزە يۈز بېرىپ قېلىشىنى تىلەپ، ئۆزۈمنى تەكشۈرۈتتۈم. ئەنسىرىگەن ئىشىم يەنىلا يۈز بەرگەنىدى. مەنمۇ ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغانىدىم.

  - ماڭا ئېرىم تەرەپتىكى چوڭلارنىڭ ئېرىمنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمىگەنلىكى بەكلا ھار كەلدى. بىز تويدىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈشتە لاياقەتلىك بولغان. ئەگەر چوڭلار ئېرىمنىڭ زەھەرلىك چىكىملىك چېكىدىغانلىقى توغرىسىدا ماڭا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسا، ئېرىمنى بۇ «قاراڭغۇلۇق»تىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىمۇ ئويلاشقان بولاتتىم...

  «ھەمشىرىلىرىم مەندەك بىر ئۈششۈك تەگكەن گۈلدىن سىلەرگە نەسىھەت: ئۆمۈرلۈك ئېشىڭلاردا ھەرگىز ئالدىراقسانلىق قىلماڭلار! ئاتا - ئانىلارمۇ شەخسىيەتچى بولماڭلار! ۋاقىتنى ھەرگىز كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدۇ. »

  ئەيدىز قارا قولىنى ياشلار – ئۆسمۈرلەرگە سۇنماقتا

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇملانغان ئەڭ كىچىك ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 14 ياش ئىكەن. بۇ سانلىق مەلۇمات ھەربىرىمىزدىن يالغۇز ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، ياشلار – ئۆسمۈرلەرگە بالاغەت تەربىيەسى، جىنىسەت تەربىيەسى بېرىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشەندۇرىدۇ.

  ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ يېڭى شەيئىلەرگە قىزىقىش، سىناپ بېقىش پىسىخىكىسى كۈچلۈك. نۆۋەتتىكى بىر – بىرىدىن ئىلغار ئالاقىلىشىش قورالى ئۇلارنىڭ بۇ خىل پىسىخىكىسىنى شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. ئەگەر ئائىلە ۋە مەكتەپ ئۇلارنىڭ بالاغەتكە يېتىش دەۋرىدىكى جىنسىي ئېھتىياجىغا دىققەت قىلمىسا ھەمدە ئۇلارنى يېتەكلەپ، ياردەم قىلىپ، توغرا، ئۆلچەملىك جىنسىيەت تەربىيەسى ئېلىپ بارمىسا، تېخى مۇكەممەل بولغان جىنسىي قاراش شەكىللەندۈرمىگەن نارىسىدىلەر بىلىپ – بىلمەي ناتوغرا يوللاردا مېڭىپ، خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇشى مومكىن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىلشات ياقۇپ بۇ ھەقتە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى: ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملىنىش ياشلىشىشقا ۋە قېرىلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. ھازىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىمۇ ھەر خىل يوللار بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى گەۋدىلەنمەكتە. بۇ، ئاساسلىقى ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى ئاساسىي بىلىمى ۋە جىنسىيەت بىلىملىرىنىڭ كەمچىللىكىدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش نىزامى»دا ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، تەشۋىقات – تەربىيەگە قارىتا تەپسىلىي بەلگىلىمە تۈزۈلۈپ، ئۇنىۋېرسىتېت، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش بىلىملىرىنى ئالاقىدار دەرسلىككە كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىندى. ئەمما كۆپ سانلىق مەكتەپلەردىكى ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. ياشلار - ئۆسمۈرلەردىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى ئەيدىزنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ يادروسى. شۇڭا جەمئىيەت ۋە ئائىلە كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان ياشلار - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق، ساغلاملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىمى بېرىپ، ئەيدىزنىڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا تارقىلىشىنى توسۇش كېرەك.

  «تۇۋاق»نى ئاچىدىغان ۋاقت كەلدى

  يېقىنقى بىر نەچچە يىللىق ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 15 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، بۇنىڭ %80 ى ھەمجىنىسلار، بولۇپمۇ ئەر ھەمجىنىسلار ئىكەن. (جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش مەركىزى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇمات)

  ھەمجىنسلىق ئەرلىك ۋە ئاياللىق گېنىنىڭ خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ تەسىرىدە قالايمىقانلىشىشىدىن ياكى گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان جىنىسىي تەلپۈنۈش بولۇپ، ئۇ ئادەتتە يوشۇرۇن بولغاچقا، بىمار كىچىك ۋاقتىدا ئاسان بايقالمايدۇ. بۇ كېسەللىكنىڭ %99 ى تۇغما، 1% ى قىزىقىش ياكى باشقا ئامىللار سەۋەبىدىن بولىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق 6 – دوختۇرخانا ئەيدىز كېسەللىكىنى داۋالاش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر 5 – بۆلۈمىدىن مەسئۇل ۋىراچ خالمۇرات ئابدۇسالام مۇنداق دېدى: يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بىرى، دوختۇرخانىمىزغا كېلىدىغان بۇ خىلدىكى بىمارلار كۆپىيىپ قالدى. ئالدىنقى يىلى 22 ياشلىق بىر ئىستۇدېنتنى داۋالىدىم. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەكتىپى شەھەر سىرتىدا بولۇپ، تۆت – بەش قېتىم باشقىلارنىڭ پوخورلۇقىغا ئۇچرىغان، كېيىن ئۆزىمۇ مۇشۇ يولغا كىرىپ قالغان.

  ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەتتە ئەرلەر باشقا ئەرلەر تەرىپىدىن زورلۇق بىلەن بىر ۋە بىرنەچچە قېتىم «باسقۇنچىلىققا» ئۇچرىسىلا، زەھەرگە خۇمار بولغاندەك نېرۋا خاراكتېرلىك ھەمجىنىسلىققا ئادەتلىنىپ، ئۆگىنىپ قالىدىكەن. ھەر ھەمجىنىسلار ئارا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئېغىرلىشىشىنىڭ سەۋەبى ئۇلار ھەمراھىنى كۆپ ئالماشتۇرىدىكەن ھەمدە بىخەتەر قوغدىنىش ئۇسۇلى قوللانمايل،ا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈدىكەن.

  بۇ ھەقتە دىلشات ياقۇپ توختىلىپ مۇنداق دېدى: ھەمجىنسلىق قەدىمدىن تارتىپ بار ئەھۋال. ئۇچۇر دەۋرىنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ ئەھۋال ئاشكارلىنىشقا باشلىدى، ھازىر، بۇ يېپىق قازاننىڭ تۇۋىقىنى ئاچىدىغان ۋاقىتمۇ كەلدى. بۇ توغرىسىدا ئويىلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر كۆپ. جامائەت ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى، ئۇلارنىڭ ئۈمىدسىزلىنىپ، باشقىلاردىن ئۆچ ئېلىشى ياكى نومۇس قىلىپ ئۆزىدىكى كېسەلنى يوشۇرۇپ، نورمال ئادەملەرگە زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ساقىلىنىشى كېرەك.

  ئەيدىزنى «ياۋا» دوختۇرلار داۋالىيالامدۇ؟

  ھەر قانداق بىر بىمارنىڭ ئويلايدىغىنى كېسىلىنى بالدۇرراق ساقايتىش. ئەيدىز بىمارلىرىمۇ بۇندىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. بىراق دۇنيا مىقياسىدا ھازىر ئەيدىزنى داۋالاپ ساقايتىدىغان دورا تېخى چىققىنى يوق، بۈگۈنگىچە تېخى ئەيدىزنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ۋاكسىنا چىقمىدى. لېكىن بىر قىسىم نەپسانىيەتچى سودىگەرلەر ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ بۇ خىل پىسىخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكى، ئەڭ مۇھىمى ئىشەنچىسىنى زىيانغا ئۇچراتماقتا.

  خالمۇرات ئابدۇسالام مۇنداق دېدى: مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە دوختۇرخانىمىزغا كەلگەن 10 دەك بىمار ھۆكۈمەت تەمىنلىگەن دورىنى يېمەي، كوچا - كويلاردىكى «ياۋا تىۋىپ»لارنىڭ ئەيدىزنى داۋالايدىغان دورىلىرىنى يېيىش سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى. ھازىرغىچە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان دورىلار پەقەت ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە يېنىكلىتىدۇ. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىز ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ھەقسىز تەمىنلەۋاتقان دورىلار ئۈنۈمى ياخشى دورىلار. ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە بىمارلىرى بىزنىڭ داۋالىشىمىزغا ماسلىشىپ، دورىنى ۋاقىتىدا ئىستېمال قىلسا، ئۇلارنىڭ نورمال تۇرمۇش، خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى ۋە ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. بىراق، بىر قىسىم بىمارلار «ياۋا تىۋىپ»لارغا ئىشىنىپ، داۋالاشنىڭ ئالتۇن پەيتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىۋاتىدۇ.

  ئەيدىز ۋىروسىغا قارشى دورا ئەيدىز يۇقۇمدارلىنىڭ ئىممۇنتېت كۈچىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ تېزلىكتە ئەيدىز بىمارلىرىغا ئايلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەگەر بىمارلار دوختۇرلارغا ماسلاشماي، ئەيدىز ۋىروسىغا قارشى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالسا، تېخىمۇ زور خەۋپكە دۇچار بولىدۇ. «بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالىتىش» ئەيدىزنىڭ كىشىلەر توپىغا تارقىلىشى ۋە كېڭىيىشىنى توسۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرى روشەنگۈل ئابدۇراخمان، پىراكتىكانت سانىيە ئابدۇۋەلى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر