باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇرپاندىكى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتى يېرىم باھا قىلىندى

2016.12.07 14:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 2-دېكابىر تۇرپاننىڭ قىشلىق ساياھەتتە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ۋە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى تونۇشتۇرۇش-تەشۋىق قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىلى 1-نويابىردىن 2017-يىلى 30-ئاپرېلغىچە تۇرپان ئايرودۇرۇمدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭ، شاڭخەيگە ئۇچقان يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى بېرىش-كېلىش سەپىرى ئۈچۈن 100 يۈەندىن نەق پۇل تولۇقلىمىسىغا ئېرىشىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، تۇرپان ئايرودۇرۇمىدا يېڭىدىن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تولۇقلىمىسى نەق پۇلىنى ئېلىش كۆزنىكى تەسىس قىلىنغان، تۇرپان ئايرودۇرۇمىدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭ، شاڭخەيگە ئۇچقان يولۇچىلار بىردەك ھالدا ئولتۇرغان ئايروپىلان كارتىسى ۋە كىملىكىنى ئېلىپ بۇ كۆزنەككە كېلىپ 100 يۈەن نەق پۇل(تاق لىنىيەلىك سەپەر) ياكى 200 يۈەن(بېرىش-كېلىش سەپىرى) نەق پۇل تولۇقلىمىنى ئالسا بولىدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، شۇ كۈندىن باشلاپ 2017-يىلى 30-ئاپرېلغىچە، تۇرپاندىكى بارلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتى يېرىم باھا قىلىنىدىكەن. بېيجىڭ-تۇرپان، شاڭخەي-تۇرپان نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ تۇرپان ئايرودۇرۇمىغا كىرگەن ساياھەت ئۆمەكلىرى يەنە مەنزىرە رايونلارنىڭ بېلىتى سېتىۋالسا «بىرنى سېتىۋالسا بىرنى سوۋغا قىلىش» مەخسۇس ئېتىبار بېرىش سىياستىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر