باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سانجى ئوبلاستىدا دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق باغچىسىدىن يەنە ئۈچى كۆپەيدى

2016.12.02 13:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جىمسار دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق باغچىسى (ماتېرىيال سۈرەت)

  مۇخبىرنىڭ 25-نويابىر سانجى ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق باغچىلىرىنى باھالاپ ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سانجى شەھىرى شىمالىي قۇملۇق دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق باغچىسى، قۇتۇبىي ماچياۋزى دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق باغچىسى، ماناس يەرلىك توپچىلار گازارمىسى دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق باغچىسىدىن ئىبارەت ئۈچ قۇملۇق باغچىسىغا دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق باغچىسى دەپ نام بەرگەن.

  سانجى ئوبلاستىدا ھازىر دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق باغچىسىدىن يەتتىسى بار بولۇپ، بىر ناھىيەدە بىر دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق باغچىسى بەرپا قىلىش پىلانى ئىشقا ئاشۇرۇلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى ئوبلاستى دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق باغچىسى بەرپا قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، 2013-يىلىغىچە «مورى ئاۋازلىق قۇمتاغ دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق باغچىسى» ، «گۇچۇڭ گىياھتاش دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق باغچىسى» ۋە «جىمسار دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق باغچىسى»، «فۇكاڭ چىنار جىلغىسى دۆلەتلىك قۇملۇق باغچىسى» قاتارلىق تۆت دۆلەت دەرىجىلىك قۇملۇق باغچىسىنى قۇرۇپ بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر