باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۇنيا ئەيدىز كۈنى: شىنجاڭدا قانچىلىك ئەيدىز بىمارى بار؟

2016.12.02 13:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-دېكابىر دۇنيا ئەيدىز كۈنى، دۇنيادىكى تۇنجى ئەيدىز يۇقۇمدارىغا دەل 1981-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى دىئاگنوز قويۇلغان.

  HIV ئەسلىي ئىنگلىزچە قىسقارتىلما سۆز بولۇپ، تولۇق ئاتىلىشى «ئىنسانلار ئىممۇنىتېت كەملىك ۋىرۇسى»، بۇنى تۆۋەندىكىدەك چۈشىنىشكە بولىدۇ.

  H- Human نىڭ باش ھەرىپى بولۇپ، «ئىنسان» دېگەن مەنىدە. بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ پەقەتلا ئىنسانلار ئارا يۇقىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  I- Immunodeficiency نىڭ باش ھەرىپى بولۇپ، مەنىسى «ئىممۇنىتېت كەملىك». بۇ خىل ۋىرۇس ئادەم بەدىنىنى ھەر خىل يۇقۇملىنىش ۋە كېسەلدىن قوغداپ تۇرىدىغان ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

  V- Virus نىڭ باش ھەرىپى بولۇپ، ۋىرۇس دېگەنلىكتۇر. يەنى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل مىكروئورگانىزىمنى كۆرسىتىدۇ.

  2016-يىلى 29-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى-ساقلاش نازارىتى يىغىن زالىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ 2016-يىللىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلدى. يىغىندا بۇ بىر يىللىق ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ئومۇمىي سىتاتىستىكىسى ئېلان قىلىندى.

  شىنجاڭنىڭ 2016-يىللىق ئەڭ يېڭى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى:

  مەملىكىتىمىزدە 2016-يىلى 1-ئايدىن 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە دوكلات قىلىنغان، تۇرۇشلۇق جايى شىنجاڭ بولغان ئەيدىز يۇقۇمدارى 3708 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز بىمارى 1565 نەپەر، قازا قىلغۇچى 1072 نەپەر.

  شىنجاڭدىكى ھازىرغىچە ھايات ئەيدىز يۇقۇمدارى ۋە بىمارىنىڭ سانى:

  شىنجاڭدا ئەيدىز بايقالغاندىن تارتىپ 2016-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە دوكلات قىلىنغان ئومۇمىي سان 39840 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز بىمارى 10207 نەپەر، قازا قىلغۇچىلارنىڭ سانى 10851 نەپەر.

  تارقىلىش يولى:

  ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چېكىش %24.9

  جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش %67.9

  شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ نۆۋەتتىكى ئالاھىدىلىكى:

  1. يۇقۇم ئومۇمىي جەھەتتىن تۇراقلىشىشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، رايونلار ئارا پەرق روشەن.

  2. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كونا يۇقۇم رايونى بولۇپ، يۇقۇم ۋەزىيىتى تۇراقلىشىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ.

  3. ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، تۇرپان، قاتارلىق جايلارنىڭ ئەيدىز يۇقۇمى تېز ئۆرلەش يۈزلىنىشىدە بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن.

  4. يۇقۇش يولى جەھەتتە جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق تارقىلىش ئاساسلىق تارقىلىش يولىغا ئايلانغان، ئەر ھەمجىنىسلەرنىڭ يۇقۇملىنىش سانى بىر قەدەر تېز ئېشىۋاتقان بولۇپ، 2016-يىلى يېڭىدىن بايقالغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ئەر ھەمجىنىسلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %7.8 گە يەتكەن.

  5. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارلىرى ئىچىدە، زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ نىسبىتى %10.1 گە تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاقسۇ، ئىلى قاتارلىق جايلاردىكى بىر قىسىم ناھىيە-شەھەرلەردە %25 دىن ئاشىدۇ.

  6. رايونىمىزدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىش خەتەرلىك ئامىللىرى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىدىكى قىيىنچىلىق ئۈزلۈكسىز زورايماقتا.

  ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) تەبىئەت دۇنياسىدىكى باشقا كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ۋىرۇسلارغا ئوخشاش، كېسەللىك مەنبەسىدىن ئىككىنچى بىر كىشىنىڭ تېنىگە كىرىش ئارقىلىق يۇقىدۇ. گەرچە مەتبۇئاتلاردا ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرىنى تۈرلۈك-تۈمەن تەسۋىرلەپ ئوقۇرمەنلەرنى ھەيرانۇ-ھەس قالدۇرغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇشى پەقەت قاندىن يۇقۇش، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل يول ئارقىلىقلا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەر بىر يۇقۇش يولى ئۈچ خىل شەرتنى تولۇق ھازىرلىغاندىلا، ئاندىن ئەيدىزنىڭ يۇقۇش ھادىسىسىنى تاماملىيالايدۇ. ئۇنداقتا بىز تۆۋەندە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش يولى ۋە شەرتلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:

  1. قاندىن يۇقۇش.

  قاندىن يۇقۇش ئاساسەن ئوكۇل-ئىشپىرىسلارنى ئورتاق ئىشلىتىش؛ ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەن قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش؛ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن بۇلغانغان ئوكۇل بۇيۇملىرى سانجىلىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن كۆرىلىدۇ.

  بەزى جايلاردا قان بېرىش ۋە قان سالدۇرۇش ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت. شۇڭلاشقا قان قوبۇل قىلغۇچى ئىشلەتكەن قاننىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن ئۆتمىگەنلىكىنى دوختۇرخانىدىن سوراش، قان تەقدىم قىلغاندا ئىشلەتكەن ئوكۇل-ئەسۋابلارنىڭ تازىلىقىنى تەكشۈرۈش، باشقىلارنىڭ قېنىنىڭ ئۆز تېنىگە كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، قاننى ھۆكۈمەت بېكىتكەن ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش ئاپپاراتلىرىغا تەقدىم قىلىشى كېرەك. قۇلاق تېشىش، قاش-كۆز چەكتۈرۈش ۋە بەدەنگە گۈل چېكىشلەرنىڭمۇ مۇئەييەن خەتىرى بار.

  2. جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش

  ئاساسەن قوغدىنىشسىز (گاندوك ئىشلىتىلمىگەن)جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ.

  جىنسىي مۇناسىۋەت (جىما) جەريانىدا، جىنسىي ئەزانىڭ سىرتقى يۈزى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زەخمىگە ئۇچىرايدۇ-دە، ئىسپېرما سۇيۇقلۇقى ۋە جىنسىي ئەزا سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى مۇشۇ ئورۇندىن قارشى تەرەپنىڭ قېنىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.

  مەقئەت ئارقىلىق جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ خەتىرى ئەڭ يۇقىرى. چۈنكى مەقئەت ئەتراپىدىكى توقۇلمىلار نېپىز ھەم چۈرۈك بولغاچقا ئاسان يىرتىلىپ كېتىدۇ. جىنسىي يول ئارقىلىق قوغدىنىشسىز جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك بولۇپ، ۋىرۇس جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقىدۇ.

  ئەگەر ئەر-ئايالنىڭ بىرسىدە جىنسىي كېسەل بولسا، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى كۆپلىگەن جىنسىي كېسەل بىمارلىرىنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا جاراھەتلەر بولغاچقا، ئاسانلا يېرىلىپ قاناش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ-دە، تېخىمۇ ئاسان يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ جىنسىي كېسەل بولغانلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرىۋېلىش خەتىرى جىنسىي كېسىلى بولمىغانلارغا قارىغاندا3-5 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.

  ئېغىز ئارقىلىق جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنىڭ خەتىرى گەرچە بىر قەدەر تۆۋەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ. چۈنكى ئەگەر ئېغىز بوشلۇقىدا جاراھەت بولسا شۇ ئارقىلىق يۇقۇملىنىشى مۇمكىن.

  ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئايال ھەيز كۆرۈش مەزگىلىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ۋىرۇسنى قارشى تەرەپكە يۇقتۇرۇپ قويۇش خەۋىپى بىر قەدەر زور بولىدۇ.

  3. ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ

  ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئانا ھامىلدار مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى ۋە ئېمىتىش مەزگىلىدە ۋىرۇسنى ھامىلىگە ياكى بوۋاققا يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.

  ئېسىڭىزدە بولسۇن:HIVئادەتتە ھاۋادىن، كىيىم-كېچەكتىن، بەدەن تېگىشىشتىن، بىللە غىزالىنىشتىن يۇقمايدۇ. بۇ ۋىرۇس پەقەتلا يۇقارقى 3 خىل يولدىنلا يۇقىدۇ. شۇڭا ئائىلىمىزدە يۇقۇملانغۇچى بولسا، يۇقۇپ قېلىشتىن ئەنسىرمەي، ئۇلار بىلەن بىللە ياشاۋەرسەك ۋە ئۇلارنى ياخشى كۆرىۋەرسەك بولىدۇ. بۇ پاكىت چوقۇم ئېسىڭىزدە بولسۇن.

  ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئايال ھامىلدارلىق مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى ۋە ئېمىتىش مەزگىلىدە ۋىرۇسىنى ھامىلىگە ياكى بالىغا يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. مۆلچەرلىنىشىچە يۇقۇملىنىش خەۋىپى %13-%42 ئەتراپىدا بولىدىكەن.

  ئەگەر دەسلەپتە ھېچقانداق تەدبىر قوللانماي تۇغۇلغاندىن كېيىن ئانا سۈتىدىن ئايرىپ باققاندا، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش خەۋىپى% 15-%30 گىچە بولىدۇ. ئانا سۈتى بىلەن باققاندا بولسا يۇقۇملىنىش خەۋىپى %30-%45گىچە بولىدۇ.

  تۇغۇت جەريانىدا ئانىغا ۋە بوۋاققا ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىچكۈزۈش ھەم ئانا سۈتىدىن ئايرىپ بېقىش ئارقىلىق، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئېھتىماللىقىنى يەنە %50 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

  ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بىر ئادەمدىن يەنە بىر ئادەمگە يۇقۇشى ئۈچۈن چوقۇم تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك.

  1. ئىچىدە چوقۇم بىرسى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى بولۇشى كېرەك.

  2. تەن سۇيۇقلۇقىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارى يېتەرلىك بولۇشى كېرەك.

  3. تەركىبىدە ۋىرۇس بولغان تەن سۇيۇقلۇقى مەلۇم يوللار ئارقىلىق يەنە بىر ئادەمنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا كىرىشى كېرەك.

  يۇقارقى شەرتلەرنىڭ بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ، چوقۇم ھەممىسى تولۇق بولۇشى كېرەك.

  دۇنيا گۈزەللىكىدىن ھەممە ئورتاق بەھىرلىنەيلى! ئەيدىز بىمارلىرىغا مېھرىمىزنى بېرىپ، نۆل ئەيدىزگە يۈزلىنەيلى!

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر