باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى

كېلەر يىلى ئاپتونوم رايونىمىز ئېلېكتىرونلۇق سودىنى مەھەللىلەرگىچە كىرگۈزىدۇ ھەم چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ

2016.11.21 14:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوننىڭ 2016- يىللىق ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 11- ئاينىڭ 18- كۈنى كورلا دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ئېچىلدى. يىغىندا 2- تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سودىدا ئۈلگە كۆرسىتىش بازىلىرى ۋە كارخانىلىرىغا ۋىۋىسكا بېرىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى بىلەن جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شىركىتى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، كورلا ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بىلەن جۇڭگو تور ئامبىرى گۇرۇھى شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا جىلغىسى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

  جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىي باغچە رايونلىرىنى خەۋەرلىشىش ھەققى جەھەتتە چوڭ كۆلەمدە ئېتىبار بىلەن تەمىنلەيدۇ. شىنجاڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا جىلغىسى كورلا ئىقتىساد- سودا تەرەققىيات رايونىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن تور ئامبىرى گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرغان شىنجاڭدىكى تۇنجى ئەمەلىي گەۋدىلىك كارخانىلاشقان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىي بازىسى بولۇپ، بۇ تۈر يەرلىك ئالاھىدە كەسىپ بايلىقىنى ئاساس قىلىپ، دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نەشپۈت ۋە چىلان ئىشلەپچىقىرىش- پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرى بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى توپلانما رايونى قۇرۇپ، نەشپۈت ئالاھىدە باغۋەنچىلىك كەسپى ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا خىزمىتى گەرچە كېچىكىپ باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن تېز تەرەققىي قىلدى. 2015- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تور سودا سوممىسى 4 مىليارد 440 مىليون يۈەنگە يەتتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ يەنە خېلى چوڭ تەرەققىيات بوشلۇقى بار. ھازىر ئاخىرقى بىر كىلومېتىرنى تۇتاشتۇرۇپ، مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى ۋە قوشۇمچە قىممىتىنى ئۆستۈرۈپ، توردا ۋە تور سىرتىدا يۈرۈشلەشتۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

  ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۈلگە بازىسىدىن تۆتى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۈلگە بازىسىدىن 17 سى، دۆلەت بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۈلگە كارخانىسىدىن ئىككىسى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىسىدىن 60 نەچچىسى بارلىققا كەلدى. ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۈلگە بازىسىغا ئورۇنلاشقان كارخانا 4640غا يەتكەن بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسى 14 مىليارد 68 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 15 مىڭ 105 كىشى بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلىشىپ، 324 ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسى ۋە 183 كۇرسلۇق مەھسۇلات يېتىشتۈرۈلۈپ، «ئالاقە تورى + يېمەكلىك كەسپى زەنجىرى» قاتارلىق بەش خىل يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى بويىچە ئۈلگە بازىسى ۋە «ئالاقە تورى + يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى» قاتارلىق 11 خىل ئالاھىدە ئەندىزە بويىچە ئۈلگە كارخانىسى بارلىققا كەلتۈرۈلدى. 2016- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ توردا پارچە سېتىش سودا سوممىسى 20 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە توردا سېتىش سوممىسى 2 مىليارد 130 مىليون يۈەن بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇپ مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر