باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا سېمىز كىشىلەرنىڭ سانى ئاشماقتا

2016.11.16 15:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  14-نويابىر، ب د ت دېيابىت كېسەللىكى كۈنى. مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئىچكى ئاجراتما، دىيابېت كېسەللىكلىرى كەسپىي ھەيئىتىدىن ئىگىلىشىچە، رايونىمىزدا سېمىز كىشىلەرنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، ناھايىتى ئاسان دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدىكەن. شىنجاڭ ئىچكى ئاجراتما، دىيابېت كېسەللىكلىرى كەسپىي ھەيئىتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، شىنجاڭ تېبببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-قارماق دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جۇ جۈننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، دۆلىتىمىز دىيابېت كېسەللىكى چوڭ دۆلىتى بولۇپ، كېسەللىك پەيدا بولۇش نىسبىتى يىلسېرى ئۆرلەۋېتىپتۇ.

  جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى كىچىك دائىرىلىك تەكشۈرۈشتىن ئېنىقلىنىشىچە، قەشقەردە كېسەللىك پەيدا بولۇش نىسبىتى %14.75 گە، ئۈرۈمچىدە %14گە يەتكەن. شەھەرلەردىكى كېسەللىك پەيدا بولۇش نىسبىتى يېزىلارغا نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن.

  دىيابېت كېسەللىكىنىڭ سەۋەبى ئېرسىيەت ئامىلى ۋە مۇھىت ئامىلىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھازىرلىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ يەردە مۇھىت ئامىلىنى كۆزدە تۇتقاندا، شىنجاڭلىقلار گۆش ۋە ئۇن تۈرىدىكى تاماقلار، پولۇ قاتارلىق يۇقىرى ئېنېرگىيە ۋە كالورىيەلىك تائاملارنى ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، شىنجاڭدا سېمىز كىشىلەر بىر قەدەر كۆپ. سېمىزلىك دىيابېت كېسەللىكىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ياشلار ۋە بالىلار ئارىسىدىمۇ دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدىغانلارنىڭ سانى ئېشىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى ئالدى بىلەن ئېرسىيەت ئامىلى شەرتى ئاستىدا نامۇۋاپىق يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئادىتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر