باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شامالغا قارشى ۋە ئىنتىزامغا خىلاپ ھالدىكى«تۆت خىل خاھىش» مەۋجۇت تۆت كىشىنىڭ مەسىلىسى ئۈستدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2016.11.15 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شامالغا قارشى ئېقىمدىكى ۋە ئىنتىزامغا خىلاپ ھالدىكى «تۆت خىل خاھىش» مەۋجۇت تۆت كىشىنىڭ مەسىلىسى ئۈستىدىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى، بۇ تۆت كىشى تۆۋەندىكىچە :

  بىرىنچىسى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى قانۇنچىلىق ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى، ئۈرۈمچى كېسىم كومىتېتى كورلا شۆبىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چۈەنشېڭ بولۇپ، ئۇنىڭ مەسىلىسى بولسا، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش. 2013- يىلىدىن بۇيان، ۋاڭ چۈەنشېڭ ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى قانۇنچىلىق ئىشخانىسى ۋە كورلا كېسىم شۆبە جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يېتەكلەپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ شيامېن، نەننىڭ، گۇيلىن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئومۇمنىڭ پۇلىغا ساياھەت قىلغان بولۇپ، 2016- يىلى 7- ئايدا، ئۇنىڭغا بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى، ئۇنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسى مۇئاۋىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن بۆلۈم دەرىجىلىككە چۈشۈرۈلدى؛ ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشغا تېگىشلىك ساياھەت خىراجىتى يىغىۋېلىندى.

  ئىككىنچىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى پارتكومنىڭ ئەزاسى، باش ئىنژېنېرى ياڭ شى بولۇپ، ئۇنىڭ مەسىلىسى بولسا، «شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن بېقىش». ياڭ شى ئىدارىنىڭ ئاپتوموبىلغا ماي قاچىلايدىغان كارتىنى دوستىغا بېرىپ تۇرغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە مەزكۇر كارتتىن 7000 يۈەندىن ئارتۇق ھۆكۈمەت پۇلى ئىستېمال قىلىنغان. 2016- يىلى 8- ئايدا، ياڭ شىگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى، ھەمدە ھۆكۈمەت پۇلىدىن چىقىم قىلىنغان شەخسىي خىراجىتى قايتۇرۇۋېلىندى.

  ئۈچىنچىسى، قاراماي شەھىرى قاراماي رايونى تەڭرىتاغ يولى كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭشاۋفېي بولۇپ، ئۇنىڭ مەسىلىسى بولسا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات ۋە سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش قاتارلىقلار. ۋاڭ شاۋفېي قاراماي رايونى رۇڭ خۇي شەھەرگە مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، قوشۇمچە رۇڭ خۇي كۆكەرتىش شىركىتىنىڭ دىرېكتورى بولغان مەزگىللەردە، يۆلەك كارخانىلارنىڭ سوۋغاتلىق پۇلى ۋە ئالىي دەرىجىلىك ئاق ھاراق ۋە تاماكا دېگەنلەرنى قوبۇل قىلغان؛ ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق كارخانا خوجايىنلىرىغا نەق پۇل ئارىيەتكە بېرىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن يۇقىرى ئۆسۈم يىغىۋالغان؛ 2016- يىلى 7- ئايدا، ۋاڭ شاۋفېيغا قاراماي رايونلۇق پارتكوم تەرىپىدىن پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىلدى، ھەمدە ۋەزىپە دەرىجىسى بۆلۈم ئەزالىقىغا چۈشۈرۈلدى، ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتى يىغىۋېلىندى.

  تۆتىنچىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسى قىزىلتاغ ئېغىزى پورتى تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جېگېنس ناۋۇروز بولۇپ، ئۇنىڭ مەسىلىسى بولسا، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش. ئۇ، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى بىلەن كۆپ قېتىم شەخسىي ئىشىنى بېجىرگەن. 2016- يىلى 9- ئايدا، ئالتاي ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇنىڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەردى.

  يۇقىرىقى تۆت مەسىلە ئۈستىدىكى مەزكۇر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى چوقۇم پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەلبىدە چىڭ ساقلاپ ۋە ئۇ ۋەزىپىنى ئۆشنىسىگە ئېلىپ، دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتۇپ، قاتلاممۇ قاتلام بېسىم ھاسىل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكلىق مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىنىڭ ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىنى قاتتىق ئىنتىزام بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ياخشى ئىستىلى ئارقىلىق مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ۋە خىزمەتلەر توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر