باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشتى

2016.11.07 13:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئاساسى قاتلام ۋە ھەر مىللەت ئاممىسى ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئۇرۇق تۇغقانلىقىنى بىلدۈرۈش، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، قوش تىل ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ھەر مىللەت ئاممىسى ئىناق خۇشاللىق كەيپىياتتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.

  1-نويابىر قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئىۋىرغول رايونىدىكى تورغاق سەنئەت ئۆمىكى بىلەن دوڭخې مەھەللىسى ئوردا كەنتى، ئۈستۈنئاياغ كەنتىدىكى مۇقام ئەترىتى ئىتتىپاقلىق مەدھىيەسى باش تېما قىلىنغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشتىن ئىبارەت ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئىۋىرغول رايونىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئەدەبىيات سەنئەت تەشكىلاتلىرى بىلەن ئاساسىي قاتلامدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىيات سەنئەت پائالىيەتچىلىرى ۋە مەدەنىيەت تارقاتقۇچىلار ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئۆز ئارا سوۋغا تەقدىم قىلدى ، يېڭى ناخشىلارنى بىرلىكتە ئېيتتى، مەيدان قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى.

  ئۈستۈنئاياغ كەنتى مۇقام ئەترىتىدىكى پاتىگۈل ئاقموللا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بىز بۈگۈن توغراق سەنئەت ئۆمىكى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتۇق. ھەممىمىز ئىنتايىن خۇشال. ئىلگىرى بىز دائىم بىرلىكتە ئويۇن كۆرسىتەتتۇق، بىر بىرىمىزگە ياردەم بىرەتتۇق. ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن كېيىن، ئۆز ئارا قويۇق ئالاقىلىشىپ ھەقىقىي بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندۇق.

  قۇمۇل شەھەرلىك توغراق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى چى جېنروڭ مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، ئۇلارغا جىڭجۈ تىياتىرى، چىنچياڭ ئەلنەغمىسى ئۆگەتتۇق، بىز ئۇلارنىڭ مۇقامىنى ، ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلنى ئۆگەندۇق. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ، بىز تىزدىن ياردەم بېرىمىز، قۇمۇلنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسىگە ئايلىنىپ، ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بارغانسېرى يېقىنلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىخۇ شەھىرىدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەر قوش تىل ئۆگىنىش پائالىيىتىنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇردى، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا مىللەت ئىتتىپاق بولۇپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى. شىخو شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپ شۆبە مەكتىپىنىڭ پىراكتىكانت ئوقۇتقۇچىسى خۇرشىدەم ئۆمەر ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە ھەر كۈنى ئوقۇغۇچىلارغا دائىم قوللىنىلىدىغان ئىككى ئۈچ جۈملە ئۇيغۇرچە ئۆگەتكەندە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئالاقەنى قويۇقلاشتۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىمۇ زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار، مەن ئۇيغۇرچە ئۆگىتىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمەن.

  بۇ مەكتەپتە يەنە قازاق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى كۆپچىلىككە قازاقچە دائىم قوللىنىلىدىغان سۆزلەرنى ئۆگەتتى.

  6-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان جېڭ يىۋېي قوش تىل ئۆگىنىشنى ئىنتايىن ياقتۇرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئۇيغۇرچىدىن ئىككى جۈملە ئۆگەندىم، بۇنىڭدىن كېيىن ئاز سانلىق مىللەت ساۋاقداشلىرىم بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولالىشىمغا ئىشىنىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر