باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىتتىپاقلىق مېھرى تارالغان رېمونتخانا

2016.11.01 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان نىياز خەۋىرى) ئۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ناھىيەگە يوللايدىغان جىددىي ماتېرىيالىنى ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتتا ئاران يېزىپ يوللاپ بولۇپ، ياتىقىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ، ئېچىپ كەتكەن قورسىقىنى دېھقان دوستلىرى بەرگەن ئۈزۈم بىلەن ئەمدىلا گوللاپ تۇرۇشىغا، بىر دېھقان ياتاققا تارتىنىۋراق كىرىپ كەلدى.

  -- ھە، كىرىڭ، كىرىڭ، نېمە ئىش بار؟__ دېدى ئۇ چۈچۈك ئۇيغۇر تىلىدا دېھقاننى قىزغىن قارشى ئېلىپ، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ.

  -- شۇ ئۇستام، بىر يەرگە جىددىي بارماقچىدىم، تۇيۇقسىز توكسىكىلىتىم بۇزۇلۇپ قالدى، كۆرۈپ باقامدىكىن دېگەن، __ دېدى دېھقان ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا.

  -- ماقۇل ،__ دېدى ئۇ ۋە دېھقان بىلەن بىللە كەنت كومىتېتى قورۇسىدىن 100 مېتىرچە يىراقلىققا جايلاشقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەقسىز رېمونتخانىسى»غا چىقىپ، ئۇنىڭ توكسىكىلىتىنى تەكشۈرۈپ، رېمونت قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. توكسىكىلتنىڭ كاشىلىسى خېلىلا ئېغىر بولۇپ، ئۇ قورسىقىنىڭ ئاچلىقىنى ئۇنتۇغان ھالدا پۈتۈن زېھنى بىلەن توكسىكلىت بىلەن ھەپىلەشتى. بىر كەمدە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئاشپىزى مىراجەم كېرەم بىر تەخسە لەڭمەننى كۆتۈرگىنىچە رېمونتخانىغا كېلىپ، لەڭمەننى ئۇنىڭغا بەردى.

  -- شۇ ئۇستام، قورسىقىڭىز ئاچمىدىما، سالامەتلىكىڭىزدىن چاتاق چىقىدۇ جۇمۇ؟ بۇ تاماقنى ئىسسىقىدا يەۋېلىڭ ،__ دېدى مىراجەم لەڭمەننى شۇ ئۇستامغا بېرىپ. ئۇ مەمنۇنلۇق بىلەن توكسىكىلىتنىڭ يېنىدىلا ئوخشىغان لەڭمەننى مەززە قىلىپ يېدى.

  كىشىلەر «شۇ ئۇستام» دەپ ئاتاۋاتقان بۇ كىشى ئاقسۇ گېزىتخانىسىنىڭ 3-تۈركۈمدە شايار ناھىيەسى قىزىلبايراق بازىرى بورىقاي كەنتىدە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى شۇ شىنۋېي ئىدى.

  ئاقسۇ گېزىتخانىسىنىڭ قىزىلبايراق بازىرى بورىقاي كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل» خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ ئاشپىزى مىراجەم كېرەم مۇنداق دېدى: شۇ ئۇستام دېھقانلارنىڭ بۇزۇلغان نەرسىلىرىنى رېمونت قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، داۋاملىق تاماق يېيىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بەزىدە كېچىكىپ كېرىپ، سوۋۇپ قالغان تاماقنى يەيدۇ، سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەپ قالىمەن.

  مىراجەمنىڭ ئېيتقىنىدەك، شۇ ئۇستامنىڭ ھەقىقەتەن تاماققا ۋاقتىدا كەلمەي، مىراجەمگە تاماق ساقلىتىدىغان ياكى تاماق توشۇتىدىغان چاغلىرى كۆپ، لېكىن مىراجەم بۇ ئىشقا كۆنۈك بولۇپ، ھەرگىز كايىمايدۇ، چۈنكى، ئادەتتە ئۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆزىگە تاپشۇرغان دائىملىق خىزمەتلىرىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئازراقلا بوش ۋاقىت چىقىرالىسىلا رېمونتخانىغا ياكى كىشىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ، دېھقانلارنىڭ كاشىلا كۆرۈلگەن قاتناش قوراللىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق نەرسىلىرى بىلەن ھەپىلىشىدۇ.

  شۇ شىنۋېينىڭ ئەزەلدىن مەيلى خىزمەت، مەيلى باشقا ئىشلاردا بولسۇن، بىرەر ئىشقا تۇتۇش قىلدىمۇ، ئۇنى پاك- پاكىزە پۈتتۈرۈپ قولدىن چىقىرىۋەتمىگىچە بولدى قىلمايدىغان تولىمۇ ئەستايىدىل ۋە ئۆزگىچە جاھىل مىجەزى بار. بىر كۈنى شۇ شىنۋېي ئۇستام رېمونتخانىدا پۈتۈن زېھنى بىلەن بىر دانە موتورنى رېمونت قىلىۋاتاتتى، رېمونتخانىغا قوشنا ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق تۇل ئايال خەلچەم ئىبراھىم كىرىپ كەلدى-دە، ئۆيىنىڭ مۇنچىسى بۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى، شۇڭا كۆرۈپ بېقىشنى ئۆتۈندى. ئۇ قولىدىكى ئىشنى قويۇپ، دەرھال خەلچەمنىڭ ئۆيىگە چىقىپ، بىر دەمدىلا توك مۇنچىسىنىڭ كاشىلىسىنى ئوڭشاپ بەردى. خەلچەم بۇنىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولدى.

  قىزىلبايراق بازار بورىقاي كەنتىدىن خەلچەم ئىبراھىم مۇنداق دېدى: شۇ ئۇستام كەلگەندىن بۇيان ماڭا كۆپ ياردەم قىلدى، ئۆيۈمنىڭ توك سىملىرى بەك قالايمىقان ئىدى، قايتا رەتلەپ تارتىپ بەردى، كىر ئالغۇ، ئاددىيسى باسما قۇدۇق، سۇ تۇرۇبىسىنىڭ جۈمىكى، تېلېۋىزور قاتارلىق چوڭ-كىچىك نەرسىلىرىم بۇزۇلسا ئېرىنمەي تۈزەپ بېرىپ كەلدى، مەن شۇ ئۇستامنىڭ ياردىمىدىن بەك مىننەتدار.

  بۇ كەنتنىڭ 5-مەھەللىسىدىكى ياش دېھقان ئابلا ھېلىمنىڭ شۈ شېڭۋىيغا بىلدۈرىدىغان رەھمىتى ۋە تەشەككۈرى تېخىمۇ كۆپ. ئۇ ئائىلىسىدە قوشۇمچە ياغاچ تىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىناتتى ھەم بىر دانە «پۇتيەن-44» تىپلىق چوڭ تىراكتورىمۇ بار بولۇپ، شۇ تىراكتوردا دېھقانچىلىق قىلاتتى ھەم ياغاچ توشۇيتتى. ياغاچ تىلىش ئۈسكۈنىسى ۋە تىراكتورى بۇزۇلۇپ قالسىلا، شۇ ئۇستامنى ئىزدەيدىغان بولدى. دېمەك ئۇ ئۆزىگە بىر «خالىس رېمونتچى» تېپىۋالغان ئىدى. مۇشۇ جەرياندا ئىككىسى يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى ۋە بىر-بىرىدىن تىل ئۆگىنىپ، گېپىنى چۈشىنىپ، ھېسسىيات ئالماشتۇرالايدىغان بولدى. ئابلا ھېلىمنىڭ ئېيتىشىچە، يازدا تىراكتور بۇزۇلۇپ قېلىپ، ئۇدا بىر نەچچە قېتىم چوڭ رېمونتخانىغا ئاپىرىپ رېمونت قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئىشلىرى يەنىلا يۈرۈشمەيۋاتقان ئىكەن. 5-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىشتىن چۈشۈشكە يېقىن، ئۇ سىناپ بېقىش نىيىتىدە تىراكتورىنىڭ ئىشىنى شۈ شىنۋېيغا ئېيتقان ھەم ئۇنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىپ رېمونتخانىغا ئېلىپ چىققان.

  قىزىلبايراق بازىرى بورىقاي كەنتىدىن ئابلا ھېلىم مۇنداق دېدى: بۇ تىراكتورنى ئۇزۇندىن بۇيان رېمونتخانا ئېچىپ كېلىۋاتقان ئۇستاملارنىڭ يېنىغا نەچچە قېتىم ئاپارغان بولساممۇ ئوڭشىيالمىغانلىقتىن، ياغاچ ماتېرىياللىرىنى توشۇش، يۆتكەشتە ئىشىم ئاقساپ قالغان ئىدى، تىراكتورنىڭ چاتىقى چىققان ئېلېكتىرموتورىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتاتتىم، بۇنىڭغا ئاز دېگەندە 600- 700 يۈەن خەجلەشكە توغرا كېلەتتى، ئويلىمىغان يەردىن شۈ ئۇستام بىر تەكشۈرۈپ كۆرۈپلا كاشىلىنىڭ نەدىن چىققانلىقىنى بىلىۋېلىپ، ھەقسىز ئوڭشاپ بېرىپ، باش قېتىنچىلىقىمنى ھەل قىلىپ بەردى، بىرمۇنچە پۇلۇممۇ تېجىلىپ قالدى. ئىشلىرىممۇ ئاقساپ قالمىدى، ئەمما شۈ ئۇستام بەكمۇ جاپا چەكتى، ھەتتا تاماق يېيىشكىمۇ ۋاقىت چىقىرالمىدى. بۇ رېمونتخانا ھەقىقەتەن ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ياخشى رېمونتخانا بوپتۇ...

  خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ بەرگەن بۇ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەقسىز رېمونتخانىسى» قۇرۇلغاندىن كېيىن، كەنت ئاممىسى بۇ رېمونتخانىدىن ھەقىقىي مەنپەئەتلەندى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن ھەمدە شۇ ئۇستامدىن تولىمۇ مىننەتدار بولدى. بۇ رېمونتخانا ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان، ئەلنى مايىل قىلىدىغان شۇنداقلا ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق مېھرى تارقىتىدىغان رېمونتخانا بولۇپ قالدى.

  بۇ كەنتتىكى پېنسىيەگە چىققان مۇئەللىم ئىسمائىل زوردۇننىڭمۇ دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان تىراكتورىنى شۇ ئۇستام بىر نەچچە قېتىم رېمونت قىلىپ بەرگەن ئىدى. ئىسمائىل مۇئەللىم ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن مېھماندارچىلىققا تەكلىپ قىلغاندا، ئۇ چىرايلىقچە رەت قىلغان ئىدى. ئىسمائىل مۇئەللىم بۇ يىلقى قۇربان ھېيتىدا شۇ ئۇستام قاتارلىق خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلارنى ئۆيىگە ھېيتلىق چاقىرغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، يۈز كېلەلمەي مېھماندارچىلىققا كەلدى. ئۇلار ھېيتلىق غىزالاردىن ھۇزۇرلانغاچ قىزغىن ھال-مۇڭ بولۇشۇپ دوستلۇق، ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. مۇشۇ پۇرسەتتە ئىسمائىل مۇئەللىم ئۆزى ۋە كەنتتىكى دېھقانلارغا ۋاكالىتەن شۇ شىنۋېيغا چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈردى.

  3-تۈركۈمدە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر شۈ شېڭۋېينىڭ ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ئاپتوموبىل، موتوسىكلىت، توكسىكلىت ۋە تىراكتورلارنى رېمونت قىلىشتا خېلى پىششىق تېخنىكىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردىكى ئاممىنىڭ ئائىلە قاتناش قوراللىرى ۋە دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلدۇرۇشتا قىينىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپ ئۇنىڭغا رېمونتخانا ئېچىپ، ئاممىغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىش تەكلىپىنى بەردى. شۈ شېڭۋېي بۇ تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. ئىدارە مەسئۇللىرىنىڭ قوللاپ 1000 يۈەنلىك رېمونت ئۈسكۈنىلىرى ئېلىپ بېرىشى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن 5-ئاينىڭ 2-كۈنى بورقاي كەنتىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەقسىز رېمونتخانىسى» رەسمىي قۇرۇلۇپ، ئىش باشلىغان ئىدى. شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن رېمونتخانا ۋىۋىسكىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىدا قىزىلبايراق بازىرىنىڭ رەھبەرلىرى «بورقاي كەنتىدە ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەقسىز رېمونتخانىسى›نىڭ ئېچىلغانلىقى ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى يىلى› پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ، مىللەتلەر ئارا دوستلۇق، ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كۈچەيتىشتە؛ ئۆملۈك، ئىناق- ئىتتىپاقلىقنىڭ سېھرى كۈچىنى نامايان قىلىش ۋە ئۇنى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ...» دېگەندەك تەرىپلەشلەر بىلەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتلىرىدىكى بۇ يورۇق نۇقتىغا يۇقىرى باھا بېرىلگەن ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان شۈ شېڭۋېينىڭ پىششىق تېخنىكىسى ۋە داڭقىنى ئاڭلىغان ئاممىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى، بەزى ئائىلىلەرنىڭ رېمونت قىلدۇرۇشتىن ئۈمىدى ئۈزۈلۈپ، ئۇزۇندىن بۇيان توپا بېسىپ ياتقان موتوسىكىلىتلىرى ئۇنىڭ چېۋەر قولىدا ئوڭشىلىپ، ئاممىنىڭ يول يۈرۈشتىكى قىيىنچىلىقى ھەل بولدى، ئىقتىسادى تېجەلدى.

  ئاقسۇ گېزىتخانىسىنىڭ بورقاي كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى مۇختەر ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: بىز كەنت ئەھۋالىنى ئىگىلەش، ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ ھەر خىل دېھقانچىلىق ماشىنا-سايمانلىرى، قاتناش ۋاسىتىلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى رېمونت قىلدۇرۇشتا قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ رېمونتخانىنى ئېچىشنى پىلانلىدۇق، شۇ شىنۋېي قىزغىن ماسلاشتى ۋە كەنت ئەزاسى ئەنۋەر ھاۋۇل بۇ ئىشنى قىزغىن قوللاپ، يول بويىدىكى بىر ئېغىزلىق ئۆيىنى رېمونتخانا قىلىشقا ھەقسىز بەردى. شۇنىڭ بىلەن رېمونتخانىنى قۇرۇۋالدۇق. شۇ شىنۋېي ئاممىنى رازى قىلدى ۋە بىزنىڭ يۈزىمىزنىمۇ يورۇق قىلدى.

  شۈ شىنۋېي كەنتكە كەلگەندىن بۇيان، ئۆزىنىڭ توك يوللىرى ۋە رېمونتچىلىقنى پىششىق بىلىدىغان تېخنىكىسىغا تايىنىپ، كەنتنىڭ ئەزەلدىن ئېلېكتىر چىرىغى ئورنىتىلمىغان ھاجەتخانىسىغا ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ توك سىمى تارتىپ، چىراغ ئورنىتىپ بەردى؛ خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ كاشىلىسىنى ئوڭشىدى؛ قىزىلبايراق بازىرىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ 40 نەچچە دانە سۆزلىشىش ئاپپاراتىنى تەڭشەپ بەردى؛ كەنت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ موتوسىكلىتى، كەنت كادىرلىرى ۋە ئەتراپتىكى بىر قىسىم ئاممىنىڭ بۇزۇلغان قاتناش قوراللىرى، كومپيۇتېر، تېلېۋىزورلىرىنى رېمونت قىلىپ بېرىپ، ئاممىغا نۇرغۇن رېمونت ھەققىنى تېجەپ بەردى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەقسىز رېمونتخانىسى»دا رەسمىي ئىش باشلانغاندىن بۇيان شۈ شېنۋېي ئاممىنىڭ ھەر خىل قاتناش ۋاسىتىلىرى، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىقلاردىن جەمئىي 1000 دانە-قېتىمدىن ئارتۇق تەڭشەپ، رېمونت قىلىپ بېرىپ، كەنت ئاممىسىنى سۆيۈندۈردى. بورقايلىقلار شۈ شېڭۋېينىڭ ماھارىتى ۋە شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇش روھىغا قايىل، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا مايىل بولماي تۇرالمىدى.

  كەنتىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى قاھار نەمەت مۇنداق دېدى: بورقاي كەنتىنىڭ قىزىلبايراق بازىرىنىڭ مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 10 كىلومېتىردىن، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 25 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئىلگىرى كەنتىمىزدە تۈزۈكرەك بىر رېمونتخانا بولمىغاچقا، كەنتتىكىلەر قاتناش قوراللىرىدا كاشىلا كۆرۈلسە ئۇزاق مۇساپىلەرنى بېسىپ بازار مەركىزى ياكى ناھىيە بازىرىغا ئاپىرىپ رېمونت قىلدۇراتتى، ئاۋارىچىلىقمۇ كۆپ ئىدى. خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرغان بۇ ھەقسىز رېمونتخانا كەنتىمىزدىكى ئاممىغا بۇ جەھەتتە زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. شۈ شېڭۋېينىڭ رېمونتچىلىق تېخنىكىسى ھەقىقەتەن قالتىسكەن، ھەممىمىز ئۇنىڭغا قايىل بولدۇق!

  ئاقسۇ گېزىتخانىسىنىڭ بورقاي كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى شۇ شىنۋېي مۇنداق دېدى: مەن ئىلگىرى بۇنداق مەخسۇس ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان جايدا، بولۇپمۇ يېزىدا ئۇزۇن تۇرۇپ باقماپتىكەنمەن، بۇ كەنتكە كەلگەندىن بۇيان، بولۇپمۇ رېمونتخانا ئېچىلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر دېھقانلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر دوست تۇتۇۋالدىم، ئۇيغۇر دېھقانلار بەك ئاق كۆڭۈل ئىكەن. مەن ئازغىنە تېخنىكام ئارقىلىق ئۇلارغا خىزمەت قىلالىغانلىقىمدىن، ئۇلارنى رازى قىلالىغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىمىز مەڭگۈ ياشىسۇن، ھەممىمىزگە خۇشال، خاتىرجەم، بەختىيار تۇرمۇش يار بولسۇن!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر