باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى يەسلىلەرگىچە كېڭەيدى

2016.11.01 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى) بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپلا ۋەتەننى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، باي ناھىيەلىك يۇلتۇز بالىلار يەسلىسى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  بۇ يەسلىدە يەسلىدىكى بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ئاساس قىلىنىپ، ھەر قايسى سىنىپلار شۇ سىنىپنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش باش تېما پائالىيىتى لايىھەسى»نى تۈزۈپ، شەكلى ھەر خىل، مەزمۇنى مول بولغان پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئۆسمۈرلىرى بىللە تاماق يېيىش، بىللە ئويۇن ئويناش، بىللە كارتون فىلىم كۆرۈش ئارقىلىق يېقىن ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل بولۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى ھەر مىللەت بالىلىرىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆۋرۈكىنىڭ ھۇلىغا پۇختا ئاساس سالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر