- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
باي ناھىيەسىدە قوشماق بولۇپ «تۇغقان يوقلاش» دولقۇنى كۆتۈرۈلدى
2016.11.01 14:42 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى) 25-ئۆكتەبىر، باي ناھىيەسى بازارلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشكىلىي ئىشلار ھەيئىتى تېڭ مىڭسوڭ باي بازىرى كىندىكدۆڭ كەنتىدىكى نامرات ئائىلە خانزادەم ھامۇت بىلەن «تۇغقان»لىشىپ، ئۇنىڭدىن ھال سورىماقتا .
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى: باي ناھىيەسىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، باي ناھىيەسىدىكى تۆت يۈرۈش رەھبەرلىك بەنزىسىدىكى رەھبەرلەرنىڭ تېزلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ باشلامچىلىق قىلىشى بىلەن، ناھىيە بويىچە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچى ۋە پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بويىچە «قوشماق بولۇش»، «تۇغقان يوقلاش» يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. ھازىرغىچە بۇ ناھىيەدە 5000 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى-خىزمەتچى، پارتىيە ئەزالىرى 5000 دىن ئارتۇق نامرات ئائىلە بىلەن قوشماق بولۇپ «تۇغقان»لىشىپ، زىيارەت قىلىش، ھال سوراش، ياردەم بېرىش ئارقىلىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر