باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى

شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى باش نىشاننى ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇش كېرەك

2016.10.27 15:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى 10- ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى باش نىشاننى قايتا ئۆگىنىش، قايتا تونۇشنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى، بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئۈچىنچى باسقۇچلۇق ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ھېسابلىنىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا 14 يولداش ئۆزلىرىنىڭ ياچېيكىسىغا ۋاكالىتەن يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بۇ باش نىشاننى چوڭقۇر ئۆگىنىش - ئىزچىللاشتۇرۇش، مۈجمەل تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، خىزمەت ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىش، ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ چىقىش، رەتكە سېلىش ۋە ئۆزگەرتىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈش، خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى پىلانلاش قاتارلىق نۇقتىلار بويىچە پىكىر ئالماشتۇردى، سۆز قىلدى.

  نەيىم ياسىن كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ بېكىتىلدى، بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەۋقەنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە قارىتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى. ئورگاندىكى بارلىق كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ ئىدىيەۋى مەزمۇنىنى پۇختا ئىگىلەپ، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇشقا بولغان ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقلارغا يۈرەكلىك يۈزلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشتا دادىل بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا كوممۇنىستىك ئۇلۇغۋار غايە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىگە قەتئىي ئېتىقاد قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى باش نىشاننى ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرىدىغان سادىق ئەمەلىيەتچىلەردىن بولۇشى كېرەك.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدىكى تارماقلار «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش»تىكى «ئۆگىنىش» باشتىن - ئاخىر ئاساس. ئورگاندىكى بارلىق كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشنى كۈندىلىك خىزمەتتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئۆمۈرلۈك ئىستەك ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بويىچە ئۆگىنىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئوزۇق ئېلىپ، ئۆزىنىڭ نەزەرىيە بىلىمى ۋە كەسپىي بىلىملىرىنى موللاشتۇرۇپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئورگاندىكى ھەر قايسى تارماقلار تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە رەتكە سېلىپ ئۆزگەرتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، قايتا تەكشۈرۈش داۋامىدا ئۆزىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، شۇ ئاساستا قاراتمىلىق رەتكە سېلىپ ئۆزگەرتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى؛ ھەر قايسى باش ياچېيكا، ياچېيكىلار چوقۇم ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشى؛ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار «تۆتتە باشلامچى بولۇش»، «تۆتتە بىللە بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى باھالاش پائالىيىتىگە قاتنىشىشى؛ ھەر قايسى ياچېيكا شۇجىلىرى «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش»تىن ئىبارەت بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئورگان پارتىيە تەشكىلىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇشى؛ ئورگان پارتكومى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەۋەتكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى، بەنگۇڭتىڭنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش باشقارمىسى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئورگاننىڭ «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ما مىڭچېڭ، ھۆرىگۈل جاپپار، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، ئىنئام نەسىردىنلەر يىغىنغا قاتناشتى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر