خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى) قەشقەر شەھەرلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، شەھەرلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسىدىن قەشقەر شەھىرى دۆلەتباغ يېزىسى تۇرپانكوچا كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمىتى گۇرۇپپىسىدىكىلەر 20- ئۆكتەبىر، كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى 300 ئوقۇغۇچىغا بىر پارچىدىن «شىنخۇا لۇغىتى» ۋە بىر پارچىدىن پەن-تېخنىكا ژۇرنىلى تارقىتىپ بەردى.
سۈرەتتە: خۇشاللىققا چۆمگەن ئوقۇغۇچىلار.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى