خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى) قىش كىرىپ ھاۋا خېلىلا سوۋۇپ قالغان بولسىمۇ، قەدىمىي شەھەر قەشقەرنىڭ ساياھەتچىلىكى يەنىلا مۇقىم جانلىنىش ۋەزىيتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. مۇخبىرنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، قەشقەر شەھىرى 2 مىليون 600 مىڭ ئادەم (قېتىم) ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %39 ئاشقان.
سۈرەتتە: 23- ئۆكتەبىر، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن بىر قانچە ساياھەتچى قەدىمىي شەھەر رايونى قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى كوچىسىدا، ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى