باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ پەرۋىشكارى، ئاز سانلىق مىللەت بىمارلىرىنىڭ ياخشى تۇغۇت ئانىسى چېن يوڭلەن

2016.10.25 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئابدۇسالام نىياز خەۋىرى) ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چېن يوڭلەن داۋالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 40 يىلدىن بۇيان، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىشنى باشتىن-ئاخىر ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ قاراپ، تۈرلۈك ئامال-چارىلەر بىلەن بىمارلارنىڭ ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلىپ كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ياخشى داۋالاش تېخنىكىسى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئەلا داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىپ، ئۆزىنىڭ كەسپىگە بولغان ئوتتەك مېھر- مۇھەببىتى بىلەن تېببىي خادىملارنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى. ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا مۇستەھكەم كۆۋرۈك بولدى.

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىر قەدەر كۆپ رايون بولۇپ، چېن يوڭلەن ئۇزۇن يىللىق خىزمەتلەر داۋامىدا، ئۇيغۇر تىلىنى پىششىق ئۆگىنىپ، راۋان ئۇيغۇر تىلىدا بىمارلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنى ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇردى. ئۇ يەنە دائىم بىمارلارغا تەرجىمانلىق قىلىپ بېرىپ، بىمارلارنىڭ باشقا بۆلۈملەردە كېسەل كۆرسىتىشىگە ياردەم بېرىپ كەلدى. قىيىن تۇغۇتقا يولۇققاندا ئۇ ھەر قاچان دەم ئېلىشتىن ۋاز كېچىپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، بىمارلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزدى. ئىدارە ئىچىدە مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرگە يولۇققاندا، ئۇ ھەمىشە ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق، ئومۇمىيلىقىنى چىقىش قىلىپ، ئۇلارغا سەۋرچانلىق بىلەن قائىدە چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى قايىل قىلدى. نەچچە ئون يىللىق كېسەل داۋالاش ھاياتىدا، ئۇ ھەمىشە كېسەللەرگە تەسەللىي بېرىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ قاراپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن بىمارلارنىڭ خەتەردىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلدى.

  2012-يىلى 8-ئايدا، ئوتبېىشى يېزىسى يارقوتان كەنتىدىن ھامىلىدار ئايال شېرىنئاي تۇرغۇن دوختۇرخانىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىگە تەكشۈرتۈشكە كەلدى. ئۇنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك بولۇپ، ئېغىر كەم قانلىق كېسىلى ۋە ئاقسىل كەملىك كېسىلى بار ئىدى. چېن يوڭلەننىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ داۋالىشى نەتىجىسىدە، شېرىنئاينىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلاندى، بىراق ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولمىغانلىقتىن، كېسىلى تۇلۇق ساقايماي تۇرۇپلا دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان چېن يوڭلەن پەقەت خاتىرجەم بولالماي، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىشتىن چۈشۈپلا ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئوتبېشى يېزىسىغا بېرىپ، بۇ بىمارنى ئىزدىدى. ھەر تەرەپتىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق چېن يوڭلەن ئاخىر شېرىنئاينىڭ ئۆيىنى ئىزدەپ تاپتى ھەمدە نەسىھەت قىلىپ، شېرىنئاينى ئوتبېشى يېزىلىق شىپاخانىدا داۋاملىق داۋالىنىشقا كۆندۈردى.

  شېرىنئاي تۇرغۇن دوختۇر چېن يوڭلەننىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپلا خۇشال ھالدا: «ئەينى ۋاقىتتا چېن دوختۇر ماڭا دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشىمنى، ئۆيدە تۇرسام ماڭا ۋە بالامغا خەتەر يېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە ئۆز يېنىدىن پۇل تۈلەپ، مېنى يېزىلىق شىپاخانىغا بالنىستقا ئالدۇرۇپ قويدى، مەنمۇ چېن دوختۇرنىڭ شاپائىتى بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالاندىم، ئىككى ئايدىن كېيىن مەن مۇشۇ ئوغلۇمنى تۇغدۇم، قاراڭ ئۇ ھازىر شۇنداق ساغلام»- ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ھويلىسىدا ئويناپ يۈرگەن تۆت ياشلار چامىسىدىكى ئوغۇل بالىنى كۆرسەتتى. مانا شۇندىن باشلاپ شېرىنئاي بىلەن چېن يوڭلەننىڭ مۇناسىۋىتى ئىزچىل داۋاملىشىپ تۇردى. شېرىنئاي ناھىيەگە كىرىپلا قالسا ئۆزى تېرىغان ئوتياش، بېغىنىڭ مېۋىلىرىدىن ئېلىپ كېلىپ، ئوغلىنى ئەگەشتۈرگىنىچە چېن يوڭلەننى يوقلايدۇ.

  شېرىنئاي تۇرغۇنغا ئوخشاش چېن يوڭلەننىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ داۋالىشىدىن بەھرىمەن بولغان دېھقان ئاياللار ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى كەنت، مەھەللىلىرىدە دېگۈدەك ئۇچرايدۇ. چېن يوڭلەن ئاز سانلىق مىللەت دېھقان- چارۋىچى ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى پىششىق بىلگەچكە، ئۇلارنىڭ كىيىنىش، غىزالىنىش، يېتىپ-قوپۇش ئەھۋالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ سۈنئىي ئۇسۇلدا بالا ئالدۇرۇش ۋە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى قورقۇش پىسخىكىسىنى يوقىتىشقا ئاكتىپلىق بىلەن ياردەم قىلىپ، ئۇلارغا ساغلام، ئىلىمىي داۋالىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. چېن دوختۇرنىڭ بۇخىل ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇشتەك خىزمەت ئىستىلى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى خىزمەتداشلىرىغمۇ ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتتى.

  ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ سېتىسرالار باشلىقى گۇ چېن مۇنداق دېدى: «مەن دوختۇرخانىغا يېڭى كىرگەن ۋاقىتتا چېن دوختۇرنىڭ 24 سائەت دىجورنى تۇرۇپ، ئۇدا ئوپېراتسىيەخانىدىن چىقالماي قالىدىغان ۋاقتى ئىنتايىن كۆپ بولاتتى، كەچتە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىگەن چاغلىرىدىمۇ كۈندۈزى ئۆيىگە قايتماي نورمال خىزمەت قىلاتتى، خىزمەتداشلار ئۇنى ماشىنا ئادەم دەپ ئاتىشاتتۇق. چېن مۇدىر بىز ياشلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز، بىز چېن دوختۇردىن پەخىرلىنىمىز.»

  مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئۇ 40 يىللىق دوختۇرلۇق ھاياتىدا، دېھقان-چارۋىچىلارنى، يۇرتداشلارنى قەلبىگە پۈكۈپ ياشىدى. ئۇ دوختۇرلۇق تېخنىكىسى يۇقىرى دوختۇر بولۇپلا قالماستىن، يەنە باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىزچىل تەكىتلەيدىغان «گۈزەل ئەخلاق» ئىگىسى.

  چېن يوڭلەن دوختۇرلۇق قىلغان 40 يىلدىن بۇيان، ئۆز خىزمىتىنى قىزغىن سۆيۈپ كەلدى، ھازىرغىچە ئۇ تۇغدۇرغان بوۋاق 5000دىن ئاشىدۇ. قۇتقۇزۇۋالغان خەتەرلىك ھامىلىدار ئايال 2000دىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قەلبىدە ساقلاقلىق. چېن يوڭلەننىڭ قەلبىدە پەقەت مەيلى قايسى مىللەتتىن بولسۇن، ئۇلار مېنىڭ بىمارىم، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئانا-بالىنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشۈم كېرەك، دېگەن يۈكسەك نىيەتلا بار، خالاس.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر