باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇچتۇرپان ناھىيەسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

2016.10.25 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك تەشۋىقات مەركىزىدىن ۋەلىجان قېيۇم خەۋىرى) يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇل خىزمىتى قاتارىدا بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ «ئۈچتىن ئايرىلالماسلىق»، «بەش ئۆزئارا»، «بەشنى تونۇش»، «بەش قاراش» ئىدىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇش ۋە ئىناق بىرگە ئۆتۈشتەك سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى .

  ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىي پىلانىغا، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش بىلەن بىرگە، رەھبىرى كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇردى. مىللەتلەرنىڭ «گىرەلەشمە» ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتىنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش جەريانىدىكى چۈشىنىش ۋە ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچىلارنى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئالاقە ۋە ئارىلىشىشىنى قويۇقلاشتۇردى. ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە بازىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە بازىسىنىڭ رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى يىلى» پائالىيىتى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ پىسخىكا تەلىپىنى توغرا تېپىپ چىقىپ، ئامما ياقتۇرىدىغان ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، مىللەتلەر سىياسىتى، مىللەتلەر توغرىسىدىكى بىلىم ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا تىل ئۆگىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئۆزئارا ساقلىنىۋاتقان پەرقلىرىگە ھۆرمەت قىلىش، ئارتۇقچىلىقلىرىدىن ئۆگىنىپ، كەمچىلىكىنى تۇلۇقلاش، گۈزەل يۇرت-ماكانىنى ئورتاق قۇرۇشقا يېتەكلىدى. مىللىي، خەنزۇ بىرلەشمە مەكتەپ، ئارىلاش سىنىپ ئوقۇتۇشى، ئارىلاش ياتاق خىزمىتىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆگىنىشنى مۇستەھكەملەش ۋە بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈش پۇرسىتىنى يارىتىپ، ھەر مىللەت ياشلار-ئۆسمۈرلىرىنى كىچىكىدىن تارتىپ بىرگە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، بىرگە ئۆسۈپ يېتىلىدىغان قىلدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك كەنت، مەھەللە، ئۇرۇن بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، بېرىش-كېلىش قىلىش ۋە ئارىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىجتىمائىي ئاكتىپ كۈچلەرنى مۇجەسسەملىدى، مىللىي ئامىللارغا چېتىشلىق مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر