باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىدۇ، ئاپتونوم رايون بويىچە 12 ۋىلايەتتە تىزىمغا ئالدۇرۇشقا بولىدۇ

2016.10.21 13:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14-ئۆكتەبىر، مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ 2017-يىللىق شىنجاڭدىن ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى مۇشۇ ئاينىڭ 20-كۈنى باشلانغان.

  بۇ قېتىمقى ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ئىمتىھانىغا قاتناشقان ۋە خەنزۇ تىلى ئىمتىھانى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا قاتناشقان، ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن بويىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بولۇشى كېرەك، ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانى بېرىدۇ. 16- ياشتىن 20- ياشقىچە (1997- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2001- يىلى 8- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە تۇغۇلغانلار)، بوي ئېگىزلىكى 1.68 مېتىردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. توي قىلمىغان بولۇشى ۋە پۇقرالار ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۇچقۇچى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى تەن سالامەتلىك باھالاش ئۆلچىمى ۋە ئائىلە ئەھۋالى تەكشۈرۈش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىمقى تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى ئىككى ئاي، ئاخىرلىشىش ۋاقتى 12- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە. ئىمتىھانغا قاتنىشىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇغۇچى ئۆز قارىمىقىدىكى مەكتەپتە تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن، مەكتەپنىڭ بىر تۇتاش تەشكىللىشى بىلەن «ئۇچقۇچىلار ئىنستىتۇتىغا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكى»نى تولدۇرىدىكەن. ئۇچقۇچى قوبۇل قىلىش تەرتىپى تەشۋىق قىلىش، سەپەرۋەر قىلىش، تىزىمغا ئالدۇرۇشقا تەۋسىيە قىلىش، تەييارلىق دەسلەپكى تەكشۈرۈش، سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ باھالاش (پىسخىكا سىناشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئائىلە ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، مەدەنىيەت بىلىمىدىن ئىمتىھان ئېلىش، سالامەتلىكىنى قايتا تەكشۈرۈش، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قاتارلىق سەككىز ھالقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئەڭ ئاخىرقى قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئۇچقۇچىلار ئىنستىتۇتى ياكى بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىكەن. ئوقۇغۇچىلار نەزەرىيە ئۆگىنىش، ئۇچۇش مەشقى پىراكتىكىسىنى تۈگىتىپ، ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ۋە مۇناسىپ ئۇچقۇچىلىق پىراۋىسىنى ئالغاندىن كېيىن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىدە ئىشلەيدىكەن.

  بۇ قېتىمقى تىزىمغا ئالدۇرۇش خىزمىتىنى جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى كونكرېت تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ، ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە، كۇيتۇڭ، قاراماي، بۆرتالا، غۇلجا، چۆچەك، ئالتاي، ﻛﻮﺭلا، ئاقسۇ، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا ئاساسلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نۇقتىسى تەسىس قىلىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ خەلق ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىغا ئىرادە باغلىغان ئوقۇغۇچىلار تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ، 0991-3804017، 3804016، 3806952غا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر