باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو−− ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى خۇلاسە يىغىنى ئاچتى

كۆرگەزمە سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2016.10.19 15:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون 18 - ئۆكتەبىر 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو −− ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى خۇلاسە يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر خۇلاسە يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە بىز باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشان ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو −− ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ ۋاسىتە ۋە سۇپىدىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، ئېچىۋېتىش مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو −− ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى مۇنبىرىنىڭ مەزمۇنى مول، ئەمەلىيەتچىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى، يىغىنلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئەتراپلىق ۋە تەرتىپلىك، بىخەتەرلىك كاپالىتى پۇختا ۋە مۇۋاپىق بولدى، ئاخبارات تەشۋىقاتى جانلىق ۋە تەسىرلىك بولدى، ئارقا سەپ كاپالىتى ئومۇميۈزلۈك ۋە ئىشەنچلىك بولدى، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» نى يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار مۇھىم نەتىجىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كۆپ ساھەدىكى ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى يەنىمۇ تىكلىدى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىگە ئاكتىپ ماسلىشىپ، جۇڭگو −− ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ سۇپىنى تېخىمۇ ياخشى ھازىرلاپ، جۇڭگو −− ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ قاتلىمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ كۈچ، يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇشى كېرەك. شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭگو −− ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى پىلانلاشتا تېخىمۇ يىراق نەزەر بىلەن، باشتىن - ئاخىر ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئورتاق كېڭىشىپ ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىدە بولۇپ، جۇڭگو −− ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، دۇنياغا داڭلىق كاتتا كۆرگەزمە قىلىش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پىكىر يولىنى كېڭەيتىپ، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى ئارقىلىق تىپىنى ئۆزگەرتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، جۇڭگو −− ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ باشتىن - ئاخىر ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، ئىزچىل ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تېزدىن تىزىملىكنى رەتلەپ، ئىز قوغلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە ئىمزالانغان بىر تۈركۈم چوڭ تۈرلەر، ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ بالدۇر ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «كۆرگەزمە - يەرمەنكە» يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، 2017 - يىللىق ئاسىيا - ياۋروپا سودا كۆرگەزمىسى ۋە 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو −− ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى بالدۇر پىلانلاش كېرەك. دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى ۋە ئەزا ئورۇنلارنىڭ مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئورتاق ياخشى ئىشلەش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر