باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە باشلامچى ۋە ئۈلگە بولايلى

2016.10.19 15:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى 18 - ئۆكتەبىر كادىرلار ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر يىغىنى ئېچىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار «قوش تىل» مائارىپىغا كادىرلار ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا سەپەرۋەر قىلدى ھەم ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار «قوش تىل» مائارىپىغا كادىرلار ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئومۇمىي تەلەپنى ئىگىلەپ، خىزمەت ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىرلىرى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار «قوش تىل» مائارىپىغا كادىرلار ياردەم بېرىش خىزمىتىدە باشلامچى ۋە ئۈلگە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: بارلىق كادىرلار ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار «قوش تىل» مائارىپىغا كادىرلار ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىنى تولۇق تونۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار «قوش تىل» مائارىپىغا كادىرلار ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش جەھەتتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىرلىرى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار «قوش تىل» مائارىپىغا كادىرلار ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە كونكرېت تەلىپى بىلەن ئاڭلىق ھالدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ ھەم پۇختا ئىگىلەپ، ئارتۇقچىلىقلارنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى پەللە، يېڭى قىياپەت ۋە يېڭى ئىستىل ئارقىلىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ھەم جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار «قوش تىل» مائارىپىغا كادىرلار ياردەم بېرىش خىزمىتىگە پائال ئاتلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «قوش تىل» مائارىپىنى يەنە يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ كونكرېت تەلىپى بويىچە بىرگە بىر قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش لايىھەسىنى كونكرېت ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان «پائالىيەتتە بىرمۇ كىشى چۈشۈپ قالماسلىق، ھەممەيلەن قاتنىشىش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ كادىرلار مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى، مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، تاللاپ ئەۋەتىش خىزمىتىنى بىر تۈرلۈك سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، ۋەزىپىنى شەرت قويماي تولۇق ئورۇنداش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر