باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، شېنجېن شەھىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىبارەت تۆت تەرەپ «سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى» ئىمزالىدى

2016.10.19 15:27         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 18 - ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، شېنجېن شەھىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىبارەت تۆت تەرەپ سىناق رايونى قۇرۇشنى ئورتاق تەتقىق قىلىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى» نى ئورتاق ئىمزالاپ، سىناق رايونىنى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىش باش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىسلاھات سىناق رايونى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان رايونلۇق يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىش ئىسلاھات سىناق رايونى قىلىش توغرىسىدا مەركەزگە بىرلىشىپ ئىلتىماس سۇنىدۇ.ئەسلەتمىدە سىناق رايونى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ لايىھەسى بېكىتىلىپ، تۆت تەرەپ ھەمكارلىقىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. شىنجاڭ سىناق رايونى رەھبەرلىك ئاپپاراتى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئىزدىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى سىناق رايونىنى پىلانلاش ۋە قۇرۇش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك يېتەكچىلىك قىلىدۇ، شېنجېن شەھىرى بىلەن ئۈرۈمچى ھەمكارلىشىپ، ئۇچۇر كەسىپلىرى ئۈلگە رايونى قۇرىدۇ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاپتونوم رايون بىلەن تۈزگەن 3 - قېتىملىق پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى كېلىشىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. تۆت تەرەپ سىناق رايونىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئورتاق تۈزىدۇ ھەم تۆت تەرەپ ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىدۇ.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تۆت تەرەپ ئورتاق تونۇشنى يۈكسەك مۇجەسسەملەش ئاساسىدا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونىنى ئورتاق قۇرۇش −− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەم «دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش پىروگراممىسى»نى يولغا قويۇشتىكى كونكرېت ھەرىكەت. تۆت تەرەپ ھەمكارلىشىپ سىناق رايونىنى ئورتاق قۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رايونلۇق يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭىچە ئېشىش قۇتۇپىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش −− شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا تىرەك بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشتا ناھايىتى مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سىناق رايونىنى شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە تىرەك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك رىقابەت كۈچى شەكىللەندۈرىدىغان سۇپا ھازىرلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشتە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، شېنجېن شەھىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ۋە ياردىمىگە موھتاج. تۆت تەرەپ بىردەك كۈچ چىقىرىدىغانلا بولسا، سىناق رايونىنى ياخشى قۇرۇپ، ئۇنى رايونلۇق يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىدىغان يېڭى ئېگىزلىككە، شۇنداقلا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىدىغان كۈچكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى شۈ جيەنپېي، شېنجېن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى جاڭ خۇ ۋە جاڭ ياپىڭ تۆت تەرەپكە ۋاكالىتەن ئەسلەتمىگە ئىمزا قويدى.

  مۇخبىرىمىز لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: شۆھرەت زاكىر 17 - ئۆكتەبىر كەچتە پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ جىگاڭ، شېنجېن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى شۈ چىن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ چيەنجۈن ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونىنى پىلانلاش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، شېنجېن شەھىرى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتۇق. مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، شېنجېن شەھىرى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە رەھمەت ئېيتىمەن. پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى بۇلتۇر سىناق رايونى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا سۆھبەت ۋە تەتقىقات مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، سىناق رايونىنى پىلانلاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. شېنجېن شەھىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى مەخسۇس شىنجاڭغا كېلىپ، سىناق رايونى ھەمكارلىقىنى تۇتاشتۇرۇش ئىشلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، بىر قىسىم كارخانا ۋە تۈرلەر ئۈرۈمچىگە ماكانلاشتى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىختىساسلىقلار، ئەقىل كۈچى، خىراجەت، ئاساس تەتقىقاتى، تېخنىكا يۆتكەش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭنىڭ سىناق رايونىنى ياخشى قۇرۇشىنى قوللىدى. بىر يىلدىن ئارتۇق قويۇق ئۇچرىشىش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىشىش ئارقىلىق سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدىگەن ھالدا پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، شېنجېن شەھىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ (بىڭتۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۆت تەرەپ بىرلىشىپ ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى خىزمەت ئەندىزىسى شەكىللەندى. سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش −− شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ياخشى ئاساس سېلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت ئېلىپ كېلىدۇ.

  ۋاڭ جىگاڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى، شېنجېن شەھىرى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىرلىكتە شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەھۋالدا، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يولىدا قانداق مېڭىشنى پىلانلىدى. سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا «ئەگرى يوللاردا مېڭىش»نى ئازايتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر