باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگان كادىرلىرىدىن قىلىدىغاننى قىلمىغانغا ياتىدىغان يەتتە تىپىك مەسىلە توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2016.10.17 15:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگان كادىرلىرىدىن قىلىدىغاننى قىلمىغانغا ياتىدىغان يەتتە تىپىك مەسىلە توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى. بۇ يەتتە تىپىك مەسىلە تۆۋەندىكىچە:

  ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى ۋېنجۈننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولماسلىق مەسىلىسى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 2016- يىل 9- ئاينىڭ 2- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىنىڭ ئۇلانباي، قارلىغاچلىقتىكى ئىككى ج خ تەكشۈرۈش پونكىتىنى يوشۇرۇن تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئۇلانباي ج خ تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرمەستىن قويۇۋەتكەنلىكى، پىيادىلەر ئۆتۈشمە يولىدىكى بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش ئىشىكىنىڭ توكقا ئۇلانمىغانلىقىنى؛ قارلىغاچلىق ج خ تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش ئىشىكى توكقا ئۇلانماي، بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ھەر خىل سۇيۇقلۇقنى پەرق ئېتەلمىگەن ئەھۋالدا، سۈنئىي ئۇسۇلدا تەكشۈرمىگەنلىكىنى بايقىغان. لى ۋېنجۈن ئۇلانباي، قارلىغاچلىق ج خ تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئالاقىلەشكۈچى رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى يېتەرسىز بولۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش، ئامانلىقنى ساقلاش خىزمىتىدە ساقلانغان ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا بايقىمىغان ۋە تۈگەتمىگەن. لى ۋېنجۈنگە 2016- يىلى 9- ئايدا مەمۇرىي جەھەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  تۇرپان گېزىتخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى شا كۈننىڭ مۇقىملىقنى قوغداشقا رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كۈچلۈك بولماسلىق مەسىلىسى. شا كۈن 2016- يىل 9- ئاينىڭ 12- كۈنى جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئامانلىقنى ساقلاش بويىچە 1- دەرىجىلىك ماسلىشىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار خىزمەت تەلىپىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىش ئورنىدىن ئۆز ئالدىغا ئىككى سائەت ئايرىلىپ، ئاغىنىسىنىڭ زىياپىتىگە قاتنىشىپ ۋە ھاراق ئىچىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش خادىملىرى سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىنمۇ، يەنىلا ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ماسلاشماي، پوزىتسىيەسى ناچار بولغان. شا كۈن 2016- يىلى 9- ئايدا تۇرپان گېزىتخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىلىقى، ئىدارە باشلىقلىقى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەت- دىن- مۇھاجىرلار ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇن ئابدۇمامۇتنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرى كۈچلۈك بولماسلىق مەسىلىسى. 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئامانلىق ساقلاش بويىچە 1- دەرىجىلىك ماسلىشىش مەزگىلىدە، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاقچى ناھىيەسى تىنچلىق يولى مەھەللىسىدىكى نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان خادىملارنىڭ بىناغا كىرىپ- چىققانلارنى تىزىملاپ تەكشۈرمىگەنلىكىنى، مەسئۇل نۆۋەتچى رەھبەر تۇرغۇن ئابدۇمامۇتنىڭ ئىش ئورنىدا ئەمەسلىكىنى بايقىغان. تۇرغۇن ئابدۇمامۇت تىنچلىق يولى مەھەللىسى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رەھبەر باشلامچى بولۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرمەستىن، خىزمەت ئورنىدىن خالىغانچە ئايرىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش بويىچە نۆۋەتچىلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولمىغان. تۇرغۇن ئابدۇمامۇتقا 2016- يىلى 9- ئايدا مەمۇرىي جەھەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ شىنمىن قاتارلىقلارنىڭ خىزمەتتە ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق مەسىلىسى. مەكىت ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسى بۇ ناھىيەنىڭ چاسا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىدا ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلماي، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلگەن. 2016- يىلى 4- ئايدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلۈشتە ئاساسلىق رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى بولغان جۇ شىنمىنگە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى، بىۋاسىتە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى بولغان سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ ۋېي، سۈپەت نازارەتچىلىك پونكىتىنىڭ باشلىقى شۈ شىلىڭگە ئايرىم- ئايرىم ھالدا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى، بىۋاسىتە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان سۇچىلىق ئىدارىسىنىڭ تېخنىكى ماۋ ۋېنجۈگە پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  چۆچەك شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسى سۇ تېجەش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې يۈگۇاڭنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق مەسىلىسى. خې يۈگۇاڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تۈرىنى يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولۇش مەزگىلىدە، چۆچەك شەھىرى ئابدىرا يېزىسى بەش ئائىلە كەنتىنىڭ تېمىتىپ سۇغىرىش كۆلىمىنى ئۆلچىگەندە، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلماستىن، بۇ كەنتنىڭ تېمىتىپ سۇغىرىش كۆلىمىنى تەكرار ئۆلچەپ، بەش ئائىلە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما فۇجېننىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تولۇقلىما مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خې يۈگۇاڭغا 2016- يىلى 8- ئايدا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ بۆلۈم ئەزاسى لى پېيشىننىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق مەسىلىسى. لى پېيشىن تېرىلغۇ يەردىكى دەل- دەرەخ ۋە قوشۇمچە نەرسىلەرنى دەلىللەپ تەكشۈرۈپ ئالماشتۇرۇش خىزمىتىدە ئەستايىدىل بولماي، ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى خاتا تولدۇرغان ھەم ئالاقىدار تەرەپكە ئىمزا قويدۇرۇپ جەزملەشتۈرمىگەنلىكى ۋە ئېلان قىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن، باشقىلارنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار تۆلەم پۇلىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. لى پېيشىنگە 2016- يىلى 3- ئايدا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرىقى قوۋۇق ۋە تۆۋەن قوۋۇق تەۋەلىكى باشقۇرۇش كومىتېتى پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى لى شياۋخۇانىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى توغرا ئادا قىلماسلىق مەسىلىسى. ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرىقى قوۋۇق ۋە تۆۋەن قوۋۇق تەۋەلىكى باشقۇرۇش كومىتېتى پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى تەۋەلىكتىكى ئاھالە گۇXكە تۇغۇت ئىجازىتى ئىسپاتى بېجىرىپ بېرىش جەريانىدا، كىنىشكا بېجىرىش ماتېرىيالىنى ئەستايىدىل دەلىللەپ تەكشۈرمەستىن، تەرتىپ بويىچە بېجىرىشتە قاتتىق بولمىغان ۋە مەسلىھەت سورىغان سوئاللارغا سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بەرمىگەن. لى شياۋخۇا تەۋەلىكىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ خاتا ھەرىكىتىنى توسۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، گۇX ۋە ئۆز ئورنىدىكى پىلانلىق تۇغۇت ئىش بېجىرگۈچىسى بىلەن تالاش- تارتىش قىلغان. ئىشتىن كېيىن، لى شياۋخۇا گۇ Xنىڭ ئىدارىسىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇشنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلىپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلغان. لى شياۋخۇاغا 2016- يىلى 8- ئايدا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيەنىڭ ماھىيىتى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، بۇرچىنى ئادا قىلىپ، جاسارەتلىك- ياراملىق بولۇپ، تىرىشىپ ئىلگىرىلەپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، باش نىشاننى ئىلگىرى سۈرۈش، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تەشكىلاتلىرى باش نىشاندىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەردە قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان قىلىش مەسىلىلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشتا يۈز- خاتىر قىلماي، پولاتتەك ئىنتىزام بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر