خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ شەھەرلىك «ئۈچ ئەل» خىزمىتى ئىشخانىسىدىن گۈلبوستان مەمەت خەۋىرى، فوتوسى) بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىدىن ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل بازىرى تۆۋەنكى تىگىن كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇشۇ كەنتتىكى نامرات دېھقانلارنىڭ پاختا تېرىش ئىشلىرىغا ياردەملەشتى.
سۈرەتتە: خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار تۆۋەنكى تىگىن كەنتى 3-گۇرۇپپىسىدىكى دېھقان ياسىن ئىبراھىمنىڭ كېۋىزىنى تەرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى