باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر سۆي كىتاب سۆھبىتى ئىلىمىي جەمئىيىتى ئەزالىرى «مۇھىم سۆز»نى ئەستايىدىل ئۆگەندى

2016.09.28 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا، مەۋلانجان ئابلەت خەۋىرى) 9-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن، قەشقەر سۆي كىتاب سۆھبىتى ئىلىمىي جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگونىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قايتا سەپەرۋەر قىلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى، شۇنداقلا شۇجى چېن چۈەنگونىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپى ھەمدە ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى زېڭ سۈننىڭ ۋىلايەتلىك كادىرلار يىغىنىدا قىلغان سۆزىنى ئۆگەندى ۋە مۇزاكىرە قىلدى.

  قەشقەر سۆي كىتاب سۆھبىتى ئىلىمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇكېرىم ھامۇق مۇنداق دېدى: بىز بۈگۈن ئوقۇپ ئۆگەنگەن يۇقىرىدىكى ئۈچ مۇھىم مەزمۇن بىر-بىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك ھەم بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە سىياسەت ئۇچۇرلىرى بولۇپ، نۆۋەتتە بۇلار بىزنىڭ رىئايە قىلىشقا ۋە ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشىمىز ھېسابلىنىدۇ. «مۇھىم سۆز»دە ئىجتىمائىي مۇقىملىق بىلەن ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشان يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يورۇتۇلغان ھەمدە ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چاقىرىق قىلىنغان. مەن بۇلاردىن بۇ «مۇھىم سۆز»نىڭ ھەقىقەتەن مۇھىملىقىنى، بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈشتە چوڭقۇرلۇق ۋە كەڭلىك ھاسىل قىلىپ، ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا تەدبىقلىيالايدىغان ئىقتىدار ھازىرلاشقا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم.

  قەشقەر سۆي كىتاب سۆھبىتى ئىلىمىي جەمئىيىتى 1-گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى مۇختەر ئەمەت مۇنداق دېدى: «مۇھىم سۆز» بۈگۈنكى ئىجتىمائىي مۇھىتىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم، ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇن، تەدبىرلەر بەك ئەمەلىي ئىكەن. مەن بىر يەككە تىجارەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداق قارايمەنكى، سوتسىيالىستىك جەمئىيىتىمىزدە سىياسەت بىلەن ئىقتىساد، ئىجتىمائىي مۇقىملىق بىلەن تەرەققىيات بىر- بىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلاردا بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خاسلىق بار. شۇجى چېن چۈەنگو سۆزىدە مانا مۇشۇ نۇقتىغا ناھايىتى ياخشى تەبىر بېرىپتۇ.

  قەشقەر سۆي كىتاب سۆھبىتى ئىلىمىي جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابلەت جۈمە تۇپراق مۇنداق دېدى: «مۇھىم سۆز» - نۆۋەتتىكى سىياسەت، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشنىڭ جان تومۇرى، بىرسى ئۇ ئۆزىمىز ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى، يەنە بىرسى، باشقىلارغا قانداق قىلىپ بېرىشىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى. سۆي كىتاب سۆھبىتى ئىلىمىي جەمئىيىتى كىتاب ئوقۇپ بىلىم توپلاپ، جەمئىيەت ئۈچۈن ئىلغار مەنىۋى ئېنېرگىيە تارقىتىدىغان ئىلمىي جەمئىيەت، بۇ جەمئىيەت ئۆزىدىكى مۇشۇ خاسلىقنى چىقىش قىلىپ، «مۇھىم سۆز»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىشىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە بىز «مۇھىم سۆز»نى ئۆگىنىش بويىچە ئۆگىنىش، لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، يەنىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر