باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چەرچەن ناھىيەسىدە كۈزگى بۇغداي تېرىلغۇسى باشلاندى

2016.09.28 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (چەرچەن ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى خەۋەرلەر بۆلۈمىدىن مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى) چەرچەن ناھىيەسى بۇيىل 80 مىڭ مو كۈزگى بۇغداي تېرىشنى پىلانلىغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق تولۇقلىما ياردەم پۇلى سىياسىتى ھەمدە بۇ يىل بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئېلىنىشى نەتىجىسىدە، دېھقانلارنىڭ بۇغداي تېرىش ئاكتىپچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان كۈزگى بۇغداي تېرىشقا كىرىشىپ كەتتى.

  چوڭكۆل يېزا دۆڭمەھەللە كەنتىدىن مۇھەممەت نىياز مۇنداق دېدى : مەن بۇلتۇر 30 مو يەرگە بۇغداي تېرىپ، دۆلەتنىڭ 3000 يۈەندىن ئارتۇق ئاشلىق تولۇقلىما ياردەم پۇلىغا ئېرىشتىم، بۇغداينى كۆپ تېرىساق دۆلەتنىڭ ئاشلىق تولۇقلىما ياردەم پۇلىغا ئېرىشىش بىلەن بىللە، يەنە سامىنىدىن پايدىلىنىپ چارۋا-مال بورداپ چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئائىلە كىرىمىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىكەنمىز، شۇڭا مەن بۇ يىلمۇ دۆلەتنىڭ بىز دېھقانلارغا قاراتقان ئېتىبار سىياسىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا بۇغداي كۆلىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ تېرىشنى ئويلاۋاتىمەن .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر