- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۇرپان شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جاڭ ۋېنچياڭ تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلدى
2016.09.23 14:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان شەھەرلىك پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جاڭ ۋېنچياڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن، نۆۋەتتە تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ .
جاڭ ۋېنچياڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:
جاڭ ۋېنچياڭ، ئەر، خەنزۇ، شەندۇڭ پىڭدۇدىن، 1963-يىلى 5- ئايدا تۇغۇلغان، 1984-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1988-يىلى 4-ئايدا پارتىيەگە كىرگەن.
1980-يىلى 9-ئايدىن 1984-يىلى 8- ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىدا فىزىكا كەسپىدە ئوقۇغان؛
1984-يىلى 8-ئايدىن 1987-يىلى 7- ئايغىچە، چاغانتوقاي ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ كادىرى بولغان؛
1987-يىلى- 7-ئايدىن 1989-يىلى 6- ئايغىچە، چاغانتوقاي ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ كاتىپى، مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛
1989-يىلى 6-ئايدىن 1991-يىلى 7- ئايغىچە، چاغانتوقاي ناھىيەلىك ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان؛
1991-يىلى 7-ئايدىن 1992-يىلى 4- ئايغىچە، چاغانتوقاي ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (بۆلۈم دەرىجىلىك)؛
1992-يىلى 4-ئايدىن 1997-يىلى 1- ئايغىچە، چاغانتوقاي ناھىيەلىك ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛
1997-يىلى 1-ئايدىن 2002-يىلى 10- ئايغىچە، قوبۇقسار ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1998-يىلى 9- ئايدىن 2000-يىلى 8- ئايغىچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسپىرانتلار مەكتىپى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان؛ 2001-يىلى 3-ئايدىن 2002-يىلى 1-ئايغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش-ئوتتۇرا ياش كادىرلار كۇرسىدا ئوقۇغان)؛
2002-يىلى 10-ئايدىن 2004-يىلى 3- ئايغىچە، قوبۇقسار ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛
2004-يىلى 3-ئايدىن 2008- يىلى 8- ئايغىچە، قوبۇقسار ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛
2008-يىلى 8-ئايدىن 2009-يىلى 5- ئايغىچە، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، قوبۇقسار ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛
2009-يىلى 5-ئايدىن 2009-يىلى 11- ئايغىچە، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى بولغان؛
2009-يىلى 11-ئايدىن 2011-يىلى 7- ئايغىچە، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان؛
2011-يىلى 7-ئايدىن 2015-يىلى 1- ئايغىچە، تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان؛
2015- يىلى 1- ئايدىن 2015- يىلى 2- ئايغىچە، تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى،
2015-يىلى 2-ئايدىن 2015-يىلى 7- ئايغىچە، تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛
2015-يىلى 7-ئايدىن ھازىرغىچە، تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى بولۇپ كەلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر