باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قۇربان ھېيت، تاۋۇز چاغىنى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى جانلاندى

2016.09.18 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇربان ھېيت، تاۋۇز چاغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن 11-سېنتەبىردىن 17-سېنتەبىرگىچە ئىشچى خىزمەتچىلەرنى يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بەردى.بۇ ئەسلىگە كېلىۋاتقان شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى جانلاندۇرۇپ، قىزىق نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئاۋاتلاشتۇرغاندىن باشقا يەنە ھەممە كىشىلەر بىلىدىغان مەنزىرە رايونلىرىدىمۇ كىشىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى.

  داڭلىق مەنزىرە رايونى قاناستا دەم ئېلىش تۇنجى كۈنىلا ساياھەتچىلەر ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. قاناس مەنزىرە رايونىدا 12-سېنتەبىر ساياھەتچىلەر 48 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بۇ يىل قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ بىر كۈندە كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچىلەر رېكورتىنى يېڭىلىدى.

  ساياھەت مەخسۇس پويىزى كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشتىكى تاللىشىغا ئايلاندى. شىنجاڭ تەڭرى تېغى بوغدا مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىسى ليۇ يېڭ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: بايرام كۈنلىرى بىر كۈندە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى يەتتە مىڭ كىشىدىن ئاشتى، بۇ ئادەتتىكى كۈنلەرنىڭ ئىككى ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندىكى ساياھەتچىلەر شاڭخەي، خۇنەن، سەنشىدىن ساياھەت مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرۇپ كەلگەنلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا: بايراملىق دەم ئېلىشنىڭ ئالدىنقى ئىككى كۈنىدە ساياھەت مەخسۇس پويىزى بىلەن ساياھەتكە كەلگەن 3500 كىشى كۈتۈۋېلىنغان.

  بۇيلۇق، يالقۇنتاغ قاتارلىق ئەنئەنىۋى مەنزىرە رايونلىرىدىن باشقا ، كېچىدە ساياھەت قىلىدىغان يارغۇل قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىمۇ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغان.

  ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى، مۇلازىمەت قاتارلىقلاردىكى كەم-كۇستىلىرىنى تولۇقلىدى ، بۇنىڭ بىلەن ساياھەتچىلىكى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شىنجاڭ دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردىن كەلگەن ساياھەتچىدىن 26 مىليون 346 مىڭ ئادەم قېتىم كۈتۈۋالدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%15.5 كۆپ. بۇنىڭدىن باشقا يۈزمىڭ جياڭسۇلۇق ئىلىنى، خۇنەنلىك تۇرپاننى ساياھەت قىلىش ، شەندۇڭلۇقلار شىنجاڭنى بىلىش، شەندۇڭلۇقلار سانجىغا سەپەر قىلىش قاتارلىق كۆپلىگەن ساياھەت مەخسۇس پويىزلىرىمۇ شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنى جانلاندۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر