خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى، فوتوسى) چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ 2 - سېنتەبىر بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا يول خىراجىتى ياردەم پۇلى تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىرىگە 500 يۈەن، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىرىگە 1000 يۈەندىن بولۇپ 23 ئوقۇغۇچىغا جەمئىي 17 مىڭ يۈەن يول خىراجىتى ياردەم پۇلى تارقىتىپ، ئۇلارنى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، داۋاملىق ياخشى ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
ئىگىلىنىشچە، بۇ ياردەم بېرىش تۈرى جۇڭگو مائارىپ تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەركىزى لاتارىيە جامائەت پاراۋانلىق فوندى مەخسۇس مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ تەسىس قىلىنغان ياردەم بېرىش تۈرى بولۇپ، چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ بۇ ياردەم پۇلىنى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا 2012-يىلىدىن باشلاپ ئۇدا تۆت يىل تارقاتقان، بۇ يىلغا قەدەر تارقاتقان پۇل جەمئىي 50 مىڭ يۈەنگە، مەنپەئەتلەنگەن ئوقۇغۇچى 80 گە يەتكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى