باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مۇھەببەت نامى بىلەن شىنجاڭ مېلودىيەسىنى ياڭرىتايلى

2016.09.06 14:51   مەنبە: خەلق تورى

مۇھەببەت نامى بىلەن شىنجاڭ مېلودىيەسىنى ياڭرىتايلى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- سېنتەبىر، شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىغا چولپانلار يىغىلدى. «دۇنيا ئۆزگەرسىمۇ، دەسلەپكى مەقسەت ئۆزگەرمەيدۇ»، خەير - ساخاۋەت شىنجاڭغا تەسىر كۆرسەتتى، چولپانلارنىڭ شىنجاڭ خەير - ساخاۋەت ناخشا كېچىلىكى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى.

  تۇنجى «جۇڭخۇا خەير - ساخاۋەت كۈنى»نى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى تەرەپلەردىن يۇرتىغا قايتقان شىنجاڭلىق سەنئەتكارلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، خەير - ساخاۋەت ئۈچۈن كۈچ قوشتى. جۇڭگودىكى داڭلىق ئايال ئارتىس تۇڭ لىيا، شىنجاڭ ھەربىي رايونى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك ئارتىسى شامىل شاكىر، يەنە «جۇڭگو خۇش ئاۋازى»دا ناخشىسىنى ياڭراتقان جاڭ لېي، پەرھات قاتارلىق چولپان سەنئەتكار شىنجاڭ خەير - ساخاۋەت كېچىلىكىدە ناخشا ئېيتىپ، باشلامچى بولۇپ كۈچ چىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانا، شەخسلەرنى خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بېرى، شىنجاڭ خەير - ساخاۋەت باش جەمئىيىتى «خەلق ئۈچۈن خەير - ساخاۋەت قىلىش، خەلقنى ئاساس قىلىش»نى تۈپ مەقسەت قىلىپ، خەير - ساخاۋەت بىلەن ئاممىنى باغلاشتىكى بەلباغ بولۇپ قالدى، شىنجاڭ خەير - ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىدا تولۇقلاش رولىنى ئويناپ، خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
    ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 26-،27-سېنتەبىر تولۇ…
    ·گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرى…
    ·ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ «قوش تىل» مائارىپى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خەۋىرىى: 2015- يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە مەخسۇس ئوقۇتقۇچىنىڭ سانى 15 مىليون 390…
    ·مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىنىڭ ئەخلاق ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش، تىل-ئەدەبىيات، تارىخ يېڭى دەرسلىكى يېڭ…
    ·مەملىكەت بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى كېلەر يىلى يولغا قويۇلىدۇ
    ·جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ يېنىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
    ·تۈركىيەدە «غەلىبە كۈنى» تەبرىكلەندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى سەككىز ئۆلكە، شەھەر بىلەن مەكتەپ ئىستېتىك تەربىيە ئىسلاھات تەرەققىياتى خاتىرىس…