- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرىنى تەربىيەلەش 1-قارارلىق كۇرسى ئېچىلدى
2016.08.26 15:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن خەۋىرى) ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات مەركىزى 8-ئاينىڭ 24-، 25-كۈنلىرى ئاساسي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرىنى تەربىيەلەش 1-قارارلىق كۇرسىنى ئېچىپ، بۇ ناھىيەنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازارلىرى، مەھەللە كومىتېتىدىن كەلگەن 124 كۇرسانتنى ئەتراپلىق تەربىيەلىدى.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەمىلكەت دەرىجىلىك ئاممىۋى تەشۋىقاتچى ئىلھام رۇزى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك لىكتۇرلار ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەنى نامەت، ئاۋات ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن مېھىربان قاتارلىقلار ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن دەرس سۆزلىدى. پۇختا تەييارلىق، ئىلمىي پوزىتسىيە، قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە قانات يايدۇرۇلغان بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش پائالىيىتى كۇرسانتلاردا ئۇنتۇلماس تەسىراتلارنى قالدۇردى.كۇرس ئاخىرىدا، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازار، مەھەللە كومىتېتىدىن كەلگەن 124 كۇرسانتتىن 13ى تەقلىدىي لىكسىيە سۆزلەپ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر