- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سېنتەبىردە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى قاينايدۇ
2016.08.26 15:12 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى، فوتوسى) ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدىغان شىنجاڭ قەدىمىي خوتەن سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى، شىنجاڭنىڭ شۇنداقلا چەت ئەلنىڭ ئۈچ مەيدان ناخشا - ئۇسسۇل كېچىلىكى، بىر مەيدان ما يۇيۇ سەييارە مۇزىكا كېچىلىكى قاتارلىقلار سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو __ ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ «جۇڭگو، چەت ئەل مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» جەريانىدا قويۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتىدا يېڭى كەيپىيات يارىتىدۇ.
مەدەنىيەت نازارىتى 25 - ئاۋغۇست ئەتىگەن ئۆتكۈزگەن 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو __ ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى «جۇڭگو، چەت ئەل مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» پائالىيىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تاشقى مەدەنىيەت ئالاقە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزىدىغان 5 - نۆۋەتلىك جۇڭگو __ ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى «جۇڭگو، چەت ئەل مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» 20 - سېنتەبىردىن 26 - سېنتەبىرگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى مۇختەر مەخسۇتنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇشىچە، مەدەنىيەت ھەپتىلىكى جەريانىدا پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى چوڭ تىپتىكى ناخشا - ئۇسسۇللۇق تىياتىر ___ «مۇقام تەسىراتلىرى»، رۇسىيە لوكتېۋ سەنئەت ئۆمىكى ئورۇندايدىغان بالىلار سەنئەت نومۇرلىرى، قازاقىستان دۆلەتلىك تىياتىرىنىڭ بالېت ئۇسۇللىرى شۇنداقلا دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق كومپوزىتور ما يۇيۇنىڭ «يىپەك يولى» مۇزىكا كېچىلىكى ۋە «يىپەك يولىدىكى خوتەن ___ مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنىڭ ئۇچرىشىشى» ناملىق شىنجاڭ قەدىمىي خوتەن سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر