باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سەبدە گۈلى تۇرمۇشىمىزنى گۈل قىلدى

2016.08.26 15:10   مەنبە: خەلق تورى

سەبدە گۈلى تۇرمۇشىمىزنى گۈل قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى، فوتوسى) 21 - ئاۋغۇست چۈشتە، يوپۇغا ناھىيەسى يەكشەنبە بازار بازىرى توختىكا كەنتى 3 - مەھەللىسىدىكى روشەنگۈل مامۇت ئىككى سىڭلىسى بىلەن ئېتىزلىقىدا سەبدە گۈلى ئۈزمەكتە. روشەنگۈلنىڭ ئېيتىشىچە، بۇلتۇر تېرىغان كېۋىزىدىن قىلغان كىرىمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا، ئۇ بۇ يىل ئۈچ مو يەرگە سەبدە گۈلى تېرىغان بولۇپ، ھازىرغىچە تۆت قېتىم گۈلىنى ئۈزۈپ 8000 يۈەن كىرىم قىلغان، ئۇنىڭچە سەبدە گۈلىدىن كىرگەن كىرىم پاختىدىن ياخشى بولغان.

  سەبدە گۈلى كىرىمى بىرقەدەر ياخشى بولغان ئىقتىسادىي زىرائەت بولۇپ، ئۇنىڭ دورىلىق قىممىتى بار. سەبدە گۈلنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 2000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە بولۇپ، يوپۇغا ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم زىرائەت سۈپىتىدە كېڭەيتكەن. ناھىيە بويىچە ھازىر سەبدە گۈلنىڭ تېرىلىش كۆلىمى 140 مىڭ موغا يېتىپ، 34 مىڭ دېھقاننى باي بولۇش يولىغا يېتەكلىگەن. «ئالتۇن رەڭلىك» سەبدە گۈل ھازىر دېھقانلارنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى بولۇپ قالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ھەربىي ھەمكارلىقى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيەسىدىكى ئۆ…
    ·ئىستانبۇلنىڭ ئىككى خەلقئارا ئايروپورتىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى
    ·دۆلىتىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغى 150 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ بۆسۈش ھاسىل قىلدى
    ·مائارىپقا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش مەخسۇس تېمىلىق لىكسىيە پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى
    ·27 ئۆلكىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسى ئېلان قىلىندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش دېگەندەك ناملار بى…
    ·تۈركىيە ئاۋسترىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
    ·چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا 28–ئاۋغۇست تىزىملاش باشلىنىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش توغرىسىدا ئوقۇتقۇچىلا…
    ·جۇڭگو ۋە تۈركمەنىستان ھەمكارلىق كومىتېتى 4- قېتىملىق يىغىنى تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلىدۇ