باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«شىنجاڭنىڭ مائارىپ سېستىمىسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىنىشكىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە ئىسىم - فامىلىسىنى قوللىنىشنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى لايىھەسى» ئېلان قىلىندى

2016.07.29 18:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇندىن كېيىن، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنى كىرگۈزگەندە، ئىسىم ۋە فامىلىسى ئوتتۇرىسىدىكى چىكىت، كومپيۇتېر سىستېمىسى تەرىپىدىن بىر تۇتاش ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى، ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى ئالغاندا، چىكىتنىڭ ئورنى كىملىك بىلەن بىردەك بولماسلىق ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدىكەن.

  27-ئىيۇل، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز «شىنجاڭنىڭ مائارىپ سىستېمىسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىنىشكىلىرى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە ئىسىم - فامىلىسىنى قوللىنىشنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى لايىھىسى»نى ئېلان قىلغان. لايىھەدە ئاپتونوم رايون بويىچە مائارىپ باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سىستېمىدىكى سۆز بۆلىكى نامى، ھەرپ - بەلگە تۈر ئايرىمىسى، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىسىم ۋە فامىلىسى ئوتتۇرىسىدىكى چېكىت قاتارلىقلارنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. ئىسىم ۋە فامىلىسى ئوتتۇرىسىدىكى چىكىتنى كىرگۈزگەندە، دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەملىك ھەرپ - بەلگە كودى00B7» »نى بىر تۇتاش ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈپ، خەت كىرگۈزۈش ئۇزۇنلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنى كىرگۈزۈش تەلىپى قانائەتلەندۈرىلىدۇ. لايىھەدە يەنە بۇرۇن كىرگۈزگەن ئالاقىدار سانلىق مەلۇمات ۋە ئۇچۇرلارنى مەركەزلىك تازىلاش، خاتا كىرگۈزۈلگەن ئۇچۇرلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز ئالدىغا تۈزىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىغا، خاسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك مائارىپ تارماقلىرى، ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپ، بالىلار باغچىسى ۋەھەر قايسى بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلار، كىملىكنى بىردىنبىر پەرق ئېتىش ئۆلچىمى قىلىپ، كۆزنەكتە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئورۇنلارغا تېزدىن كىملىك كارتا ئوقۇغۇچ تەقسىملەش، كىملىكتىكى ئىسىم بىلەن بىردەك بولمىغان باستۇرغان كارتا، گۇۋاھنامىلەرگە قارىتا (ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى، ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلار)، تارقاتقان ئورگان (ئورۇن) ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ۋاقتىدا ئامما ئۈچۈن ھەقسىز ئالماشتۇرۇپ بېرىشى ياكى چىقىرىپ بېرىشى كېرەك، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىن ئىسپات چىقىرىشنى تەلەپ قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر