باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى بوغالتىرلىق كەسىپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتى باشلاندى

2016.07.29 18:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-ئىيۇل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى «ئاپتونوم رايوننىڭ بوغالتىرلىق كەسىپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى تارقىتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭى نۇسخىدىكى بوغالتىرلىق كەسىپكارلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى باشلىغان. «ئۇقتۇرۇش»نىڭ تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل 7- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ گۇۋاھنامىنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش يولغا قويۇپ، 2019-يىلى 7- ئاينىڭ 1-كۈنى ئاخىرلاشتۇرىدىكەن.بۇ قېتىملىق گۇۋاھنامىنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتى، توردا ئىلتىماس قىلىش، توردا ئالدىن كېلىشىش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ گۇۋاھنامە تارقىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغان بولۇپ، گۇۋاھنامە ئالماشتۇرىدىغان بوغالتىرلارغا ئىنتايىن قولايلىق. كونكرېت تەرتىپى تەپسىلاتىنى شىنجاڭ مالىيە تورى بوغالتىرلىق بېتىدىكى «بوغالتىرلىق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىش بېجىرىش زالى» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، تىزىملاتقاندىن كېيىن، «كونا گۇۋاھنامىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش»نى تاللاپ، مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ.(http://www.xjcz.gov.cn/kjzy)

  يېڭى گۇۋاھنامە ئالماشتۇرۇپ بېرىلىدىغانلار: ئاپتونوم رايون تارقاتقان كونا نۇسخىدىكى بوغالتىرلىق كەسىپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بار بولغان ھەمدە يىللاردىن بۇيانقى داۋاملىق تەربىيەگە قاتناشقانلار.

  ئالماشتۇرۇپ بېرىلمەيدىغانلار: ئاپتونوم رايونلۇق بوغالتىرلار ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر توپلاپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ئىچىدە ئۇچۇرى يوقلار؛ گۇۋاھنامە ئالماشتۇرۇشتىن بۇرۇن، رەسمىيىتىنى قاراشلىق بوغالتىرلىق كەسىپىي سالاھىيىتىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا يۆتكىمىگەنلەر؛ ئۇچۇردا ئۆزگىرىش بولۇپ، مۇناسىپ ئىسپات - ماتېرىياللارنى تەمىنلىمىگەن؛ باشقا قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ئالماشتۇرۇشقا بولمايدىغان ئەھۋاللار.

  ئىلتىماس قىلغۇچى تەلەپ بويىچە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى سكاننېرلاپ، توردا بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يوللىغاندىن كىيىن، سالاھىيەت كېنىشكىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، بوغالتىرلىق كەسىپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، يىللاردىن بۇيانقى داۋاملىق تەربىيەگە قاتناشقانلىق ئىسپاتى ئەسلى نۇسخىسىنى ئېلىپ، تەۋەلىكىدىكى بوغالتىرلىق كەسىپىي سالاھىيەت باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا بېرىپ بېجىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ ئوقۇش تارىخى ياكى ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى، كەسپىي تېخنىكا سالاھىيەت كىنىشكىسى ياكى كەسپىي تېخنىكا سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى قاتارلىق باشقا ماتېرىياللارنى تورغا يوللاپ، ئۆز ئۇچۇرىنى مۇكەممەللەشتۈرسە بولىدۇ، ئومۇمەن، شەخسىي ماتېرىيالىنى يوللىغان بولسا، ماتېرىيالنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى نەق مەيداندا مۇئەييەنلەشتۈرۈشى لازىم.

  گۇۋاھنامە ئالماشتۇرۇشقا ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ، كونكرېت ئىزاھاتىغا ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بوغالتىرلىق باشقارمىسى ۋە جايلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى (ناھىيە دەرىجىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مالىيە تارماقلىرى بوغالتىرلىق كەسىپىي سالاھىيىتىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى مەسئۇل بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە 300 نەچچە مىڭ ئادەمدە بوغالتىرلىق كەسىپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر