باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇرچىندا پاراشوت بىلەن سەكرەش بازىسى ئېچىلدى

2016.07.29 18:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئىيۇل، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى پاراشوت بىلەن سەكرەش بازىسى − بۇرچىن توفىڭ پاراشوت بىلەن سەكرەش بازىسى رەسمىي سىرتقا ئېچىۋېتىلدى، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋاسكارلىرى « سېيسسېس 208» ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، بۇرچىننىڭ 3000 مېتىر يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا پاراشوت بىلەن سەكرەپ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان تۇيغۇلار ۋە بۇرچىننىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلاندى.

  توفىڭ پاراشوت بىلەن سەكرەش كۇلۇبىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ سەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: توفىڭ پاراشوت بىلەن سەكرەش ــ جۇڭگودىكى تۇنجى سودا خاراكتىرلىك پاراشوت بىلەن سەكرەش شىركىتى، بۇ شىركەتنىڭ شىنجاڭ بۇرچىن، يۈننەن پۇئېر، گۇاڭدۇڭدىكى ياڭجياڭ، چۇڭچىڭنىڭ چيەنجياڭ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ، شىئەن پۇچېڭ، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىئەن قاتارلىق جايلىرىدا ئالتە پاراشوت بىلەن سەكرەش بازىسى بار.

  بۇرچىن دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئاۋات ساياھەت ماكانىنىڭ بىرى، پاراشوت بىلەن سەكرەش بازىسىنىڭ ئېچىۋېتىلىشى، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ئالاھىدە ۋە مۇكەممەل، ئاۋىئاتسىيە ئالاھىدىلىككە ئىگە ساياھەت ۋە بۇرچىننىڭ گۈزەل مەنزىرىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا بۇرجىننىڭ ساياھەت كەسپىنى قاتلاممۇ - قاتلام تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر