باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىككى دوختۇرخانا بىرلىشىپ، ئاممىنىڭ كېسلىنى ھەقسىز كۆردى

2016.07.28 16:43   مەنبە: خەلق تورى

ئىككى دوختۇرخانا بىرلىشىپ، ئاممىنىڭ كېسلىنى ھەقسىز كۆردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم «ئۈچ ئەل» ئىشخانسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىر گۈلبوستان مەمەت خەۋىرى، فوتوسى) ئاقسۇ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىن ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازىرىنىڭ چوناق كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار كەنت ئاممىسىنىڭ دوختۇر كەمچىل بولغانلىقىتىن «كىچىك كېسەلگە سەل قاراش، چوڭ كېسەلگە داۋا تاپالماسلىق» تەك قىيىنچلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاقسۇ شەھەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئاكتىپ ماسلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە، ئاقسۇ شەھەرلىك توڭخې دوختۇرخانىسى ۋە ئاقسۇ شەھەرلىك مارىيە دوختۇرخانسىدىكى تېببىي خادىملارنى كەنتكە كېلىپ ھەقسىز كېسەل كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى.

  ئىككى دوختۇرخانىدىن 12 تېببىي خادىم 24- ۋە 25-ئىيۇل ئىككى كۈن كەنتتىكى 400 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز كۆردى ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرلىرى بويىچە تېببىي مەسلىھەت بەردى ھەم 4000 يۈەن قىممىتىدىكى دورىنى ھەقسىز تارقاتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·يۇقىرى نومۇر ئەقىللىقلىقنىڭ ئىپادىسىمۇ؟
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش ۋە سوۋغا-سالام قوبۇل قىلىش قىلمىشلىرىنى تىزگىنلەيدىكەن
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تولۇق كۇرس 2 - تۈركۈمى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى
    ·«جىددىي ھالەت» ئاستىدا تۇنجى زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئىمزالاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش ۋە سوۋغات قوبۇل قىلىش مەسىلىلىرىنى تىزگىنلەيدۇ 
    ·بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆسمۈرلەر ئاخبارات تارقىتىش ئىنستىتۇتى قۇرۇلدى
    ·ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نامىدىكى ئالدامچىلىقلاردىن ساقلىناي دېسىڭىز، بەش ئىشقا دىققەت قىلىڭ
    ·تۈزۈم قەپىسىنى چىڭىتىپ، ئىلىمدىكى ناچار قىلمىشلارنى تۈزەيلى
    ·سانجى شەھىرى تەڭرىتاغ 1-نومۇرلۇق مۇزلۇقىنى قوغداش پونكىتى تەسىس قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پىروفېسسور بولۇش ئۈچۈن چوقۇم تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتۈش لازىم